كىرىستىيانو رونالدو پورتۇگالىيە ۋە دۇنيا لوڭقىسى ھەققىدە سۆز قىلدى

قەيسەر
2022-12-11
来源:ئەلكۈيى تورى

QQ20201127-0.gif

دۇنيا لوڭقىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ، پورتىگالىيە 0-1 ماراكەشكە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 4 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرەلمىدى. 37 ياشلىق كېرىستىيانو رونالدونىڭ بەشىنچى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ساياھىتى ئاخىرلاشتى ،

بۈگۈن   كېرىستىيانو رونالدو توردا يازما ئېلان قىلىپ ، پورتىگالىيەنىڭ 8 كۈچلۈككە كىرگەندىن كىيىنكى قەدىمى   ھەمدە ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى سۆزلىدى.

رونالدو ئۆزىنىڭ بەشىنچى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش سەپىرىنى مۇنداق خۇلاسىلىدى:

«پورتۇگالىيە كوماندىسى ئۈچۈن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش مېنىڭ كەسپىي ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى ئىدى، شۇنداقلا بۇ مېنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئارزۇيۇم ئىدى. بەختكە يارىشا، مەن يەنە نۇرغۇن خەلقئارالىق دەرىجىلىك چېمپىيونلۇقلارغا ئېرىشتىم، بۇنىڭ ئىچىدە پورتۇگالىيە ئۈچۈن ئېرىشكەن چېمپىيونلۇقمۇ بار، لېكىن دۆلىتىمىزنىڭ نامىنى دۇنيانىڭ چوققىسىغا چىقىرىش مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ئىدى. مەن ئىزچىل بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمەن! بۇ ئارزۇيۇم ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن! ئۆتكەن 16 يىلدا مەن ئۇدا بەش نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشتىم ھەمدە توپ كىرگۈزدۈم، دائىم قالتىس توپچىلار بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلدىم، ھەمدە نەچچە مىليون پورتۇگالىيەلىكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتىم، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ بارلىقىنى بېغىشلىدىم. مەن ھەممە نەرسىنى توپ مەيدانىدا قالدۇرۇپ قويدۇم، جەڭ ئالدىدا مەن ئەزەلدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ چېكىنمەيمەن، مەن ئەزەلدىن بۇ ئارزۇيۇمدىن ۋاز كەچمىدىم. ئەپسۇس، تۈنۈگۈنكى ئارزۇيۇم ئاخىرلاشتى. تاشقى دۇنيا نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدى، نۇرغۇن نەرسىلەرنى يازدى، نۇرغۇن نەرسىلەرنى پەرەز قىلدى، بۇلار بەك كۆپ مېنىڭ كەسكىن جاۋاب قايتۇرۇشۇمغا ئەرزىمەيدۇ، لېكىن مەن پەقەت ھەر بىر ئادەمگە مېنىڭ پورتۇگالىيەگە بولغان ساداقىتىمنىڭ ئەزەلدىن ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى. مەن مەڭگۈ ھەممە ئادەمنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئادەم، مەڭگۈ سەپداشلىرىم ۋە دۆلىتىمدىن يۈز ئۆرۈمەيمەن. ئەڭ ئاخىرىدا دەيدىغان كۆپ گەپ يوق. رەھمەت ساڭا پورتۇگالىيە. رەھمەت ساڭا قاتار. ئارزۇنى قوغلىشىش ھامان گۈزەل بولىدۇ بۈگۈنكى كۈندە ۋاقىتنىڭ ياخشى ئۇستاز بولۇپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز نەتىجىسىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

----


37 ياشلىق رونالدو پورتۇگالىيە كوماندىسىغا ۋاكالىتەن بەش نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، 22 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، سەككىز توپ كىرگۈزۈپ، ئىككى ياردەمچى پاس بەرگەن.

قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە رونالدو بەش مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئۈچ قېتىم مەيدانغا چىقىپ، ئىككى قېتىم زاپاس ئەزا بولۇپ، جەمئىي 290 مىنۇت مۇسابىقىگە قاتناشقان. تۇنجى ئۇچرىشىشتا گانا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ، تارىختا تۇنجى بولۇپ ئۇدا بەش نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە توپ كىرگۈزگەن توپچىغا ئايلانغان.


رونالدونىڭ دۇنيا لوڭقىسى ھەققىدە:   22 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ، 8 توپ كىرگۈزۈپ ،2 ياردەمچى توپ   تەقدىم قىلدى. قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ، رونالدو بەش مەيدان مۇسابىقىگە چۈشتى ، ئۈچ قېتىم ئاساسلىق ئەزا ،   ئىككى قېتىم زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چۈشۈپ   ، جەمئىي 290 مىنۇت مۇسابىقە ئوينىدى بولدى. تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە گاناغا 1 توپ كىرگۈزدى ، رونالدو تارىختا ئۇدا بەش نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە تۇنجى بولۇپ توپ كىرگۈزگەن توپچى بولۇپ قالدى.

素材3.jpg