كورېيە vs پورتۇگالىيە توپچىلىرىنىڭ قىممەت سېلىشتۇرمىسى: پورتۇگالىيە 940 مىليون ياۋرو

2022-12-02
来源:

بېيجىڭ ۋاقتى 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ سائەت 23:00تە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 3-ئايلانمىسىدىكى H گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە كورېيە كوماندىسى بىلەن پورتۇگالىيە كوماندىسى تار يولدا ئۇچراشتى، گېرمانىيە «يۆتكىلىش بازىرى»نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، كورېيەدىكى بارلىق توپچىلارنىڭ قىممىتى 164 مىليون ياۋرو، پورتۇگالىيەدىكى بارلىق توپچىلارنىڭ قىممىتى 940 مىليون ياۋرو بولغان.

كورىيە كوماندىسىدىن سون خيۇڭمېننىڭ باھاسى 70 مىليون ياۋرو بولۇپ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئېلىمىز دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ سابىق چەتئەللىك ئەزاسى جېن مىنيا، بۇ ئوتتۇرا بېك بۇ پەسىل ناپولىدا ياخشى ئوينىدى، ھازىرقى باھاسى 35 مىليون ياۋروغا يەتتى.

يۇقارقىلاردىن باشقا كورىيە كوماندىسىنىڭ بۆرە كوماندىسى ھۇجۇمچىسى خۇاڭ سىكېن، مايورگانىڭ ئالدى بەل توپچىسى لى گاڭئىننىڭ باھاسىمۇ 12 مىليون ياۋرودىن ئاشقان بولۇپ، بۇ تۆتەيلەن كورىيە كوماندىسىدىكى باھاسى 10 مىليون ياۋرودىن ئاشىدىغان توپچىلار ئىكەن.

پورتۇگالىيە كوماندىسىدىكى ئەڭ قىممەت توپچى AC مىلان ھۇجۇمچىسى لېئاۋ بولۇپ، ئۇنىڭ باھاسى 85 مىليون ياۋروغا يېتىدۇ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى مانچېستېر شەھىرى توپچىسى بېرنادو سىلۋا، ئۇنىڭ باھاسىمۇ 80 مىليون ياۋروغا يېتىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، بىرۇنو فېرناندېس، دىياس، كانسېلو، مېندېس، فېلىكس قاتارلىقلارنىڭ باھاسىمۇ 50 مىليون ياۋرودىن يۇقىرى.

رونالدونىڭ باھاسى 20 مىليون ياۋرو بولۇپ، پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى 26 كىشىلىك تىزىملىكىدە 17-ئورۇندا تۇرىدۇ، رەت تەرتىپتە ئەڭ ئاخىرقىسى بولسا پېشقەدەم ماھىر پېپې، ئۇنىڭ باھاسى بىر مىليون ياۋرو.