گېرمانىيە كوماندىسى مۇسابىقىدىن بۇرۇنلا ئۆيىگە قايتىدىغان بېلەتنى زاكاز قىلىپ بولغان

2022-12-02
来源:

«سۈرەت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە كوماندىسى مۇسابىقىدىن بۇرۇنلا دۆلىتىگە قايتىدىغان ئايروپىلاننى زاكاز قىلىپ بولغان.

بۈگۈن سەھەردە گېرمانىيە كوماندىسى 2:4 نەتىجە بىلەن كوستارىكا كوماندىسىنى يەڭدى، بىراق ياپونىيە كوماندىسى 1:2 نەتىجە بىلەن ئىسپانىيە كوماندىسىنى يەڭگەچكە، گېرمانىيە كوماندىسى يەنىلا 16 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرەلمەي، ئۇدا ئىككى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە گورۇپپىدىن چىقالمىدى.

«سۈرەت گېزىتى»نىڭ ئىگىلىشىچە، گېرمانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مۇسابىقىدىن بۇرۇنلا كوماندىنىڭ ئۆيىگە قايتىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان بولۇپ، شۇ يەر ۋاقتى ھەپتىنىڭ 5-كۈنى سەھەر سائەت بەشتە، A 330-300 تىپلىق ئايرىبۇس فىرانكفورتتىن دوھاغا قاراپ يولغا چىقىدىكەن، چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى يېرىمدا، گېرمانىيە كوماندىسىدىكى توپچىلار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ قايتىپ كېلىدىكەن.

«سۈرەت گېزىتى» بۇ ئىش توغرىسىدا گېرمانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتىدىن ئەھۋال ئىگەللىگەن، بىراق گېرمانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى بۇ ئىشقا باھا بېرىشنى رەت قىلغان.