كورېيە vs پورتۇگالىيەنىڭ ئۇچرىشىش تارىخى

2022-12-02
来源:

بېيجىڭ ۋاقتى 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 23:00تە، كورېيە كوماندىسى بىلەن پورتۇگالىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 3-ئايلانمىسىدا ئۇچرىشىدۇ، تارىختا ئىككى تەرەپ پەقەت بىر قېتىملا ئۇچراشقان، يەنى 2002-يىللىق كورېيە-ياپونىيە دۇنيا لوڭقىسى D گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، كورېيە كوماندىسى 0:1 نەتىجە بىلەن پورتۇگالىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان.

ئۇ مەيدان مۇسابىقە 2002-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئوخشاشلا گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 3-ئايلانمىسى ئىدى، كورىيە كوماندىسى بۇنىڭدىن بۇرۇن 0:2 نەتىجە بىلەن پولشا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان، 1:1 نەتىجە بىلەن ئامېرىكا كوماندىسى بىلەن تەڭلەشكەن؛ پورتۇگالىيە تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە 3:2 نەتىجە بىلەن ئامېرىكىغا يېڭىلىپ قالغان، 0:4 نەتىجە بىلەن پولشا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە پورتىگالىيە كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى 8-نومۇرلۇق پىنتو بىلەن 22-نومۇرلۇق بېتو قىزىل كارتا يەپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 70 مىنۇت بولغاندا، كورىيە كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ، كورىيە كوماندىسىنىڭ 0:1 بىلەن پورتىگالىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، ئىككى كوماندا تارىخىدىكى بىردىنبىر غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن.

بۇ گۇرۇپپىدا كورىيە كوماندىسى يەتتە نومۇر بىلەن گۇرۇپپىدا 1-بولۇپ 16 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى ھەمدە ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيە كوماندىلىرىنى يېڭىپ، ساھىپخان سالاھىيىتى بىلەن كورىيە-ياپونىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 4-بولدى. ئامېرىكا تۆت نومۇر بىلەن ئىككىنچى بولدى، پورتۇگالىيە بىلەن پولشا گۇرۇپپىدىن چىقالمىدى.