دۇنيا لوڭقىسى: گوللاندىيە 0:2 قاتار، قاتار شاللاندى

2022-11-30
来源:

2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ A گۇرۇپپا 3-ئايلانمىسى 29-نويابىر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 23:00دە باشلاندى، قاتار كوماندىسى بىلەن گوللاندىيە كوماندىسى ئۆزىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىسىنى كۈتىۋالدى.

2-مىنۇتتا قاتار كوماندىسى تېزلىكتە توپ تالىشىپ چەكلەنگەن رايون سىرتىدا قاپقىغا تەپتى، ئارقىدىنلا گوللاندىيە كوماندىسى ھۇجۇم قوزغاپ دېپاي ئىنتايىن تەھدىتلىك ھۇجۇم قوزغىدى، ئەپسۇس توپ ئاخىرىدا ئېگىز چىقىپ كەتتى.

7-مىنۇتتا دېيوڭنىڭ كەسكىن ھۇجۇمى بىلەن توپ قاتار كوماندىسىنىڭ چەكلەنگەن رايونىغا كىردى، لېكىن قاتار كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەسى مۇستەھكەم بولۇپ، توپ يەنىلا قاپقا دائىرىسىگە تېپىلمىدى.

ئىككى كوماندىنىڭ ھۇجۇملىرى ئىنتايىن كەسكىن بولماقتا!!!

11-مىنۇتتا گوللاندىيە كوماندىسى ئىنتايىن تەھدىتلىك ھۇجۇم قوزغاپ، چەكلەنگەن رايون ئىچىدە تېپىلگەن توپ توسۇۋېلىندى.

15-مىنۇتتا گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ ئوڭ يولدىن باشلىغان ھۇجۇمى چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توسۇۋېلىندى، گوللاندىيە كوماندىسى بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

19-مىنۇتتا قاتار كوماندىسى قايتۇرما ھۇجۇم پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويدى.

22-مىنۇتتا قاتار كوماندىسى قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ چەكلەنگەن رايون ئالدىدا پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويدى، ئەمما ئاخىرىدا بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

25-مىنۇتتا دېپاي چەكلەنگەن رايون ئىچىدە ئىنتايىن ياخشى پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويدى، قاتار كوماندىسى تېز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى، ئارقىدىنلا گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ھۇجۇم باشلىشى بىلەن جاكپو بىر توپ كىرگۈزدى، نەتىجە 0:1.

34-مىنۇتتا قاتار كوماندىسى سول تەرەپتىن تېز ھۇجۇم قوزغىدى، ئەمما كۆتۈرگەن توپنىڭ سۈپىتى ياخشى بولمىغاچ ھۇجۇم پۇرسىتى ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىدى.

40-مىنۇتتا جاكپو چەكلەنگەن رايونى ئىچىدە ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشتى، ئەمما تەپكەن توپى ئېگىز چىقىپ كەتتى، شۇنداقلا رېپىرمۇ ئوفسايت ھۆكۈم قىلدى.

46-مىنۇتتا قاتار كوماندىسىدىكى ئافىف ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ مۇسابىقە 49-مىنۇتقا بارغاندا دېپاينىڭ تەپكەن توپى يېنىپ چىققاندىن كېيىن دېيوڭ توپنى قايتۇرۇپ تېپىپ قاپقىغا كىرگۈزدى، نەتىجە 0:2.

63-مىنۇتتا قاتار كوماندىسى 10-نومۇر ھەيدوس، 19-نومۇر ئەلى، 23-نومۇر مادىبونى چۈشۈرۈپ، 12-نومۇر بودىئاف، 8-نومۇر ئاساد ۋە 9-نومۇر مۇنتارىنى مەيدانغا چۈشۈردى.

65-مىنۇتتا گوللاندىيە كوماندىسى 10-نومۇر دېپاي بىلەن 14-نومۇر كلاسېننى چۈشۈرۈپ، 11-نومۇر بېرگۇيس بىلەن 18-نومۇر يانسېننى مەيدانغا چۈشۈردى.

67-مىنۇتتا بېرگۇيس مەيدانغا چىقىپلا تېز ھۇجۇمدا توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، ئەمما باش رېپىر VARنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن جاكپونىڭ قول توپ قىلغانلىقىنى ھۆكۈم قىلىپ بۇ توپنى ھېساب قىلمىدى، نەتىجە يەنىلا 0:2.

76-مىنۇتتا خاتېم چەكلەنگەن رايون سىرتىدا قاپقىغا تەپكەن بولسىمۇ، لېكىن توپ قاپقىچىنىڭ قولىغىلا چۈشۈپ قالدى.

79-مىنۇتتا قاتار كوماندىسى ئىنتايىن ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشىپ، ئاساد چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى ئوتتۇرا يولغا تاشلىدى، لېكىن گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى تېز سۈرئەتتە توپنى توسۇپ چەكلەنگەن رايون سىرتىغا چىقىرىۋەتتى.

84-مىنۇتتا قاتار كوماندىسى بىلەن گوللاندىيە كوماندىسى توپچى ئالماشتۇردى، بىر توپ كىرگۈزگەن دېيوڭ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى.

87-مىنۇتتا قاتار كوماندىسىدىكى مىگېل چەكلەنگەن رايون سىرتىدا قاپقىغا توپ تەپتى، لېكىن سۈپىتى ياخشى بولمىغاچ توپ يەنىلا چىقىپ كەتتى.

91-مىنۇتتا بېرگۇيسنىڭ چەكلەنگەن رايون ئالدىدا تەپكەن توپى قاپقا ئۈسسىدى.

92-مىنۇتتا قاتار كوماندىسى قاپقىچىسى قارشى تەرەپنىڭ چەكلەنگەن رايون ئىچىدىكى تەھدىتلىك ھۇجۇمىنى توسۇپ قالدى.

مۇسابىقە ئاخىرلاشتى، گوللاندىيە كوماندىسى گۇرۇپپىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ شاللاش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ساھىبخان قاتار كوماندىسى ئۈچ مەيداندا ئۇدا ئۇتتۇرۇپ شاللىنىپ كەتتى.

ئۇدا ئۇتتۇرۇپ شاللىنىپ كەتتى.