دۇنيا لوڭقىسى: سېنېگال 1:2 ئېكۋادور، «قارا تۇلپار» شاللاندى

ئەلكۈيى تورى
2022-11-30
来源:直播8


未标ekwador题-1.jpg

2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى A گۇرۇپپا مۇسابىقىسى 29-نويابىر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 23:00دە باشلاندى، سېنېگال كوماندىسى بىلەن ئېكۋادور كوماندىسى ئۆزىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىسىنى كۈتىۋالدى.

مۇسابىقە باشلىنىپ سېنېگال كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمى ئاكتىپ بولدى، مۇسابىقىنىڭ 6-مىنۇتىدا سېنېگال قوزغىغان قايتۇرما ھۇجۇم بەلگىلىك خەتەر قوزغىغان بولسىمۇ توپ كىرمىدى.

8-مىنۇتىدا سېنېگال يەنە بىر قېتىم قارشى تەرەپ چەكلەنگەن رايونىغا كىرىپ دىيا قاپقىچى بىلەن يەكمۇيەك ھالدا تەپكەن توپ كىرمەي ياخشى پۇرسەت قولدىن كەتتى.

13-مىنۇتىدا ئېكۋادور كوماندىسى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ۋالۇنسىيە تەپكەن توپنى قارشى تەرەپ قاپقىچىسى توسۇپ چىقىرىۋەتتى.

18-مىنۇتىدا سېنېگال كوماندىسى بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىگە ئېرىشتى، شۇنداقلا توپنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى، مېندې قالتىس ئىپادىسى بىلەن توپنى توسۇپ چىقىرىۋەتتى.

24-مىنۇتىدا سېنېگال توپچىسى سام توپنى تارتىۋېلىپ ئىككى ئادەمنى ئالداپ چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن كەڭ بۇلۇڭغا تەپكە بولسىمۇ قاپقىچىنىڭ قولى تېگىپ كېتىپ توپ كىرمەي، بۇلۇڭ توپقا ئېرىشتى، بۇلۇڭ توپمۇ بەلگىلىك خەتەر پەيدا قىلغان بولسىمۇ لېكىن توپ كىرمىدى.

28-مىنۇتىدا سېنېگال كوماندىسى يەنە بىر قېتىملىق قالتىس بولغان ھۇجۇم قىلىپ چەكلەنگەن رايونغا كىرگەن بولسىمۇ لېكىن پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى.

32-مىنۇتىدا ئېكۋادور كوماندىسى ئاخىرى ئىنتايىن ياخشى بولغان ھۇجۇم پۇرسىتىگە ئېرىشتى، ۋالۇنسىيە چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن توپ بىلەن ئۇچرىشىپلا توپنى تەپكەن بولسىمۇ توپ كىرمىدى.

36-مىنۇتىدا سېنېگال توپچىسىنىڭ ئىنتايىن ياخشى پۇرسەتتە ئۈسكەن توپ ئېگىز چىقىپ كەتتى.

42-مىنۇتىدا سېنېگال كوماندىسى توپچىسى توپنى ئېلىپ چەكلەنگەن رايون ئىچىگە بۆسۈپ كىرگەندە قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتكە ئۇچراپ يىقىلدى، رېپىر سېنېگالغا نۇقتا توپ قويۇپ بەردى. سار نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزۈپ سېنېگال مۇسابىقە نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، مۇسابىقە نەتىجىسى ۋاقتىنچە سېنېگال 0:1 ئېكۋادور.

45 مىنۇتلۇق مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ ئىككى كوماندا 6 مىنۇتلۇق قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقە باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

46-مىنۇتىدا سېنېگال كوماندىسى يەنە بىر قېتىملىق خەتەرلىك ھۇجۇم قوزغاپ قارشى تەرەپ چەكلەنگەن رايونى ئىچىدە توپنى تەپكەن بولسىمۇ لېكىن توپ كىرمەي ياخشى پۇرسەت قولدىن كەتتى. كېيىنكى مىنۇتلاردا مۇسابىقە نەتىجىسىدە ئۆزگىرىش بولماي ئىككى سېنېگال ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە 0:1 ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. توپچىلار 15 مىنۇتلۇق ئارام ئېلىشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كەلدى.

كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئېكۋادور كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمدىكى ئىپادىسى ياخشى بولغان بولسىمۇ لېكىن پۇرسەتنى چىڭ تۇتالمىدى.

54-مىنۇتىدا ئېكۋادور كوماندىسى ئىنتايىن خەتەرلىك بولغان ھۇجۇم قوزغاپ قارشى تەرەپ چەكلەنگەن رايونىغا كىرگەن بولسىمۇ پۇرسەتنى تۇتالمىدى.

63-مىنۇتىدا ئېكۋادور كوماندىسى تاكتىكىلىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ ئادەم ئالماشتۇردى.

67-مىنۇتىدا ئېلۋادور كوماندىسى بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىگە ئېرىشىپ توپنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى، ئىكۋادور توپچىسى كەيسېدو پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى.

ئارقىدىنلا سېنېگال كوماندىسى قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاش جەريانىدا قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتكە ئۇچراپ ئىخىتيارى توپ پۇرسىتىگە ئېرىشتى ۋە توپنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ ناھايىتى چىرايلىق بىر توپ كىرگۈزۈپ يەنە نەتىجىنى يۇقىرىلاتتى. مۇسابىقە نەتىجىسى ۋاقتىنچە سېنېگال 1:2 ئېكۋادور.

76-مىنۇتىدا سېنېگال توپچىسى چەكلەنگەن رايون ئىچىدە قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلىگەن بولسىمۇ رېپىر نۇقتا توپ ھۆكۈم قىلمىدى.

80-مىنۇتىدا ئېكۋادور كوماندىسى نومۇر تەڭلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئالدىراپ توپنى چەكلەنگەن رايون ئىچىگە ئېلىپ كىرگەن بولسىمۇ لېكىن ھۇجۇمچىسى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ ياخشى بولغان پۇرسەت قولدىن كېتىپ قالدى.

81-مىنۇتىدا سېنېگال كوماندىسى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن بېسىم بىلەن بىر توپ تەپكەن بولسىمۇ توپ قاپقا لىمى يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى.

85-مىنۇتىدا ئېكۋادور يەنە بىر قېتىم نومۇر تەڭلەشتۈرۈشكە ئالدىرىغان بولسىمۇ لېكىن ياخشى پۇرسەتنى تۇتالمىدى.

87-مىنۇتىدا سېنېگال كوماندىسى يىراقتىن تەپكەن توپ ئېكۋادور قاپقىچىسىنىڭ قولىدىن قايتىپ چىققان بولسىمۇ لېكىن سېنېگالنىڭ يەنە بىر توپچىسى توپقا يېتىشەلمەي نومۇر يۇقىرىلىتىغان پۇرسەت قولدىن كەتتى.

90 مىنۇتلۇق مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ ئىككى كوماندا 6 مىنۇتلۇق قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقە باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

92-مىنۇتىدا ئېكۋادور كوماندىسى بۇلۇڭ توپقا ئېرىشتى، بۇلۇڭ توپ بىۋاستە قاپقىغا كىرىپ كەتكىلى تاس قالدى.

94-مىنۇتىدا ئېكۋادور يەنە بىر قېتىم خەتەرلىك ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ نومۇر ئالالمىدى.

كېيىنكى مىنۇتلاردا مۇسابىقە نەتىجىسىدە ئۆزگىرىش بولماي سېنېگال كوماندىسى 1:2 نەتىجىدە ئېكۋادور كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا گۇرۇپپىدىن چىقتى، ھەممەيلەن «قارا تۇلپار» دېگەن ئېكۋادور كوماندىسى 4 نومۇر بىلەن شاللىنىپ كەتتى.