ۋىلليام كارۋالو: پورتۇگالىيە كوماندىسى ناھايىتى يىراققا بارالايدۇ

ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى
2022-11-29
来源:微博

پورتۇگالىيە كوماندىسى 0:2 نەتىجە بىلەن ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنى يېڭىپ، مۇددەتتىن بىر ئايلانما بۇرۇن بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 16 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ۋىليام كارۋالھو ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ۋىليام كارۋالھو مۇسابىقىدىن كېيىن توپچىلار ئۆتۈشمە رايوندا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىز ئىتتىپاقلىشىپ بېسىمغا قارشى تۇردۇق، ئاخىرىدا بىرىنچى نىشانىمىزغا يەتتۇق. پورتىگالىيە ناھايىتى يىراققا بارالايدۇ، بىز چوقۇم گورۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقىپ، يەنە بىر مەيدان ئىلگىرلىشىمىز كېرەك. مۇسابىقىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، بىز سادىر قىلغان خاتالىقلار بارغانسېرى ئازايدى، بۇمۇ توپ مەيدانىدا ئىپادىلەندى، خۇددى بىز بۈگۈن قىلغانغا ئوخشاش.»