دۇنيا لوڭقىسى: ئۇرۇگۋاي 2:0 پورتۇگالىيە، پورتۇگالىيە گۇرۇپپىدىن چىقتى

ئەلكۈيى تورى
2022-11-29
来源:腾讯

2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى H گۇرۇپپا مۇسابىقىسى 29-نويابىر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 03:00دە باشلاندى، پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن ئۇرۇگۋاي كوماندىسى ئۆزىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىسىنى كۈتىۋالدى.

مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككى تەرەپنى ڭھۇجۇمدىكى ئىپادىسى ئوخشاشلا ئاكتىپ بولدى، مۇسابىقىنىڭ 2-مىنۇتىدا ئۇرۇگۋاي كوماندىسى ئالدى بىلەن ھۇجۇم قوزغاپ پورتۇگالىيە قاپقىسىغا توپ تەپكەن بولسىمۇ توپ كىرمىدى.

3-مىنۇتىدا پورتۇگالىيە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ۋېللىيەن تەپكەن توپ سەل ئۆرلەپ كەتتى.

7-مىنۇتىدا پورتۇگالىيە ھۇجۇم قوزغاپ كىرىستىيانو رونالدو ئېگىز سەكلەپ توپنى بېرناردو سىلۋاغا چىقاردى، بېرناردو سىلۋا يىراقتىن توپنى تەپكەن بولسىمۇ توپ قاپقا يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى.

11-مىنۇتىدا ئ‍ۇرۇگۋاي كوماندىسى قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ كاللا توپ ئۈسكەن بولسىمۇ توپ كىرمىدى.

15-مىنۇتىدا فىلېكس توپنى ئالغاندىن كېيىن چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن تەپكەن بولسىمۇ توپ ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى.

16-مىنۇتىدا پورتۇگالىيە كوماندىسى ئىنتايىن ياخشى بولغان ئارىلىقتىن ئىختىيارى توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، رونالدو توپنى تەپكەن بولسىمۇ ئادەم تېمىدىن ئۆتمىدى.

22-مىنۇتىدا رونالدو توپنى ئېلىپ چەكلەنگەن رايون ئىچىگە تاشلىغان بولسىمۇ توپ كىرىدىغان ياخشى پۇرسەت قولدىن كەتتى.

28-مىنۇتىدا پورتۇگالىيە ھۇجۇم قىلىپ توپنى ئۇرۇگۋاينىڭ چەكلەنگەن رايونى ئىچىگە تاشلىدى، برۇنو فېرناندېس توپنى ئۈسكەن بولسىمۇ لېكىن توپ كىرمىدى.

32-مىنۇتىدا ئۇرۇگۋاي كوماندىسى قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ بېنتانكۇر ئىككى ئادەمنى ئالداپ ئۆتۈپ قاپقىچى بىلەن يەكمۇيەك قېلىپ توپنى تەپكەن بولسىمۇ لېكىن پورتۇگالىيە قاپقىچىسى قالتىس ئىپادىسى بىلەن توپنى توسۇپ چىقىرىۋەتتى.

35-مىنۇتىدا ئۇرۇگۋاي كوماندىسى يەنە بىر قېتىم ياخشى ھۇجۇم تەشكىللىگەن بولسىمۇ بېنتانكۇر پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويدى.

37-مىنۇتىدا پورتۇگالىيە ئوڭ يولدىن توپنى چەكلەنگەن رايون ئىچىگە تاشلىدى، رونالدو توپنى مەيدىسىگە توختىتىپ تەپكەن بولسىمۇ توپ كىرمەي قالدى.

38-مىنۇتىدا رۇببېن نىۋېس ئۇرۇگۋاي توپچىسىغا قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن سېرىق كارتا بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلدى، قارشى تەرەپكە بولسا ياخشى يەردىن ئىختىيارى توپ پۇرسىتى كەلگەن بولسىمۇ لېكىن توپ كىرمىدى.

40-مىنۇتىدا پورتۇگالىيە توپچىسى مېندېس يارىلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئالماشتۇرۇۋېتىلدى. ئورنىغا گېرىرو چىقتى.

45 مىنۇتلۇق مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ ئىككى كوماندا 3 مىنۇتلۇق قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقە باسقۇچىغا قەدەم قويدى. قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقە باسقۇچىدا مۇسابىقە نەتىجىسىدە ئۆزگىرىش بولماي ئىككى كوماندا 0:0 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قالدى.

15 مىنۇتلۇق ئارام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىككى كوماندا مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كەلدى، كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلاندى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمدىكى ئىپادىسى ئاكتىپ بولدى، 48-مىنۇتىدا ئۇرۇگۋاي كوماندىسى رۇببېن نېۋىسقا قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلەپ ئۇنى يارىلاندۇرۇپ قويدى.

51-مىنۇتىدا رونالدو توپنى مۈرە بىلەن بېرناردو سىلۋاغا پاس بەدى، بېرباردو سىلۋا توپنى ئېلىپ مېڭىپ ئىنتايىن ياخشى ئورۇندىكى فىلېكسقا بەردى، فىلېكىس توپنى تەپكەن بولسىمۇ بۇلۇڭ بەك كىچىك بولغاچقا يان تورغا تەگدى.

53-مىنۇتىدا پورتۇگالىيە كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغىدى، برۇنو فېرناندېس توپنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى، رونالدو توپنى ئۈسۈپ كىرگۈزدى. مۇسابىقە نەتىجىسى ۋاقتىنچە پورتۇگالىيە 0:1 ئۇرۇگۋاي.

55-مىنۇتىدا رونالدونىڭ كىرگۈزگەن توپ بىلەن مۇناسىۋېتى يوق دەپ قارىلىپ توپ برۇنو فېرناندېسقا تەۋە بولدى.

57-مىنۇتىدا ئۇرۇگۋاي قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ كاۋانى توپنى تەپكەن بولسىمۇ نومۇر ئالالمىدى.

59-مىنۇتىدا نۇنېز يىراقتىن تەپكەن توپنى پورتۇگالىيە قاپقىچىسى توسۇۋالدى.

70-مىنۇتىدا ئۇرۇگۋاي كوماندىسى تاكتىكىلىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ ئادەم ئالماشتۇرۇپ، گومېز بىلەن نۇنېزنى، سۇئارىز بىلەن كاۋانىنى ئالماشتۇردى.

74-مىنۇتىدا يېڭىلا مەيدانغا ئالمىشىپ چىققان ئۇرۇگۋاي ھۇجۇمچىسى گومېزنىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى.

77-مىنۇتىدا ئۇرۇگۋاي ئىختىيارى توپ پۇرسىتىگە ئېرىشىپ توپنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى، سۇئارېز تەپكەن توپ قاپقا يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى.

78-مىنۇتىدا يەنە بىر خەتەرلىك ھۇجۇم پورتۇگالىيە چەكلەنگەن رايونىغا كەلدى، پورتۇگالىيە قاپقىچىسى قالتىس ئىپادىسى بىلەن توپنى توسۇپ چىقىرىۋەتتى.

81-مىنۇتىدا پورتۇگالىيە كوماندىسى رونالدو قاتارلىق ئۈچ ئادەمنى ئالماشتۇردى.

88-مىنۇتىدا برۇنو فېرناندېس چەكلەنگەن رايون ئىچىدە قارشى تەرەپنى ئالداپ ئۆتكەندە قولىغا توپ تەگدى، رېپىر ۋارغا قارىغاندىن كېيىن نۇقتا توپقا ھۆكۈم قىلدى. برۇنو فېرناندېس نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزدى، مۇسابىقە نەتىجىسى ۋاقتىنچە پورتۇگالىيە 0:2 ئۇرۇگۋاي.

90 مىنۇتلۇق مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ ئىككى تەرەپ 9 مىنۇتلۇق قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقە باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

97-مىنۇتىدا پورتۇگالىيە كوماندىسى يەنە ھۇجۇم قوزغاپ برۇنو فېرناندېس قاپقىنىڭ ئالدىدا تەپكەن توپ كىرمەي قالدى. ئارقىدىنلا برۇنو فېرناندېس چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن تەپكەن توپ قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى.

قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ پورتۇگالىيە كوماندىسى 0:2 نەتىجىدە ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقتى.