پورتۇگالىيە كوماندىسى قاتار دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئۈچىنچى بولۇپ گۇرۇپپىدىن چىققان كوماندا بولۇپ قالدى

ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىشى
2022-11-29
来源:ئەلكۈيى تورى

دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئايلانمىسىدىكى ئەڭ ئاخىرىقى بىر مەيدان مۇسابىقىدە، پورتۇگالىيە كوماندىسى 0:2 نەتىجە بىلەن ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنى يەڭدى.

بۇ ئايلانما مۇسابىقىدىن كېيىن، پورتۇگالىيە كوماندىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىنقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىسىدە تولۇق غەلىبە قىلدى، ھازىر ئۇلار مۇددەتتىن بىر ئايلانما بۇرۇن شاللاش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

فىرانسىيە ۋە بىرازىلىيەدىن كېيىن، پورتۇگالىيە كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 3-بولۇپ شاللاش باسقۇچىغا كىرگەن كوماندا بولۇپ قالدى.