بىرۇنو فېرناندېس بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ كۆپ توپنىڭ كىرىشىگە تۈرۈتكە بولغان توپچىغا ئايلان

ئەلكۈيى تورى
2022-11-29
来源:zhibo8

2022-يىللىق قاتار دۇنيا لوڭقىسى ئەلكۈيى تورىغا تەۋە پۈتۈن تاراتقۇلاردا   بىۋاستە تارقىتىلىۋاتىدۇ، تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى بېسىپ مۇسابىقىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى ئۇيغۇرچە كۆرۈڭ:

قايتا كۆرسىتىشنى مېنى بېسىپلا كۆرۈڭ

دۇنيا لوڭقىسى H گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، بىرۇنو فېرناندېس ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، ئاخىرىدا پورتۇگالىيەنىڭ 0:2 نەتىجىدە غەلىبە قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، مۇددەتتىن بىر ئايلانما بۇرۇن شاللاش مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

مۇسابىقىدىن كېيىنكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىدە بېرىلگەن ئىككى ياردەمچى پاسنى ھېسابلىغاندا، بىرۇنو فېرناندېس بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىن ھازىرغىچە بولغان ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە تۆت توپنىڭ كىرىشىگە بىۋاستە قاتناشقان، بۇنىڭ بىلەن ئۇ مىباپپې (ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ، بىر ياردەمچى پاس بەرگەن) بىلەن تەڭلىشىپ، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ھازىرغىچە ئەڭ كۆپ توپنىڭ كىرىشىگە بىۋاستە قاتناشقان توپچىغا ئايلانغان.