جاڭ ۋېيلى ئۈچ يىلدىن كىيىن، قايتا UFC دۇنيا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-11-13
来源:سىنا تورى

QQ20201127-0.gif

ئەلكۈيى تورى تەنتەربىيە قانىلى بىۋاستە تارقىتىشى :بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى،   دۆلىتىمىز ماھىرى جاڭ ۋېيلى ھازىرقى ئەڭ يېنىك ئېغىر دەرىجىلىكلەر چېمپىيونى كارا ئېسپازاغا جەڭ ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا جاڭ ۋېيلى رەقىبىنى تەسلىم قىلغان. بۇ جاڭ ۋېيلىنىڭ ئۈچىنچى قېتىم UFC دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرىشى بولۇپ، يەنە بىر قېتىم يېڭى تارىخ ياراتتى.بۇ مەيدان مۇسابىقە ئەلكۈيى تورى بىۋاستە تارقىتىش قانىلى ، ئەلكۈيى ئەپ دىتالى ۋە ئەلكۈيى كىنو-فىلىم ئەپچىقىدا بىۋاستە تارقىتىلىپ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سونۇلدى.مۇسابىقىنىڭ قايتىلانما تولۇق نۇسخىسىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.

   

ئامېرىكا كالفورنىيە ئىشتاتىنىڭ تورېنس شەھىرىدە تۇغۇلغان كارا ھازىر 25 مەيدان ئۇتۇپ، ئالتە مەيدان ئۇتتۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت مەيدان KO قىلغان، تۆت مەيدان تەسلىم قىلغان، ئۇ UFC تارىخىدىكى تۇنجى ئاياللار ئەڭ يېنىك ئېغىرلىق دەرىجىسى چېمپىيونى. جاڭ ۋېيلى ئاسىيادىكى تۇنجى UFC دۇنيا چېمپىيونى. 2021-يىلى 4-ئايدا، جاڭ ۋېيلى روسقا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قالالمىغان، شۇ يىلى 11-ئايدا، جاڭ ۋېيلى يەنە بىر قېتىم روسقا ئۇتتۇرۇپ قويغان، بۇ يىل 6-ئايدا، جاڭ ۋېيلى ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا جوئاننانى KO قىلىپ ئاياللار ئەڭ يېنىك ئېغىرلىق دەرىجىسىدە چېمپىيونلۇققا جەڭ ئېلان قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.

بۇ مەيدان مۇسابىقىگە نىسبەتەن، جاڭ ۋېيلى مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئۆزىگە خېلى ئىشىنىپ: «مەن تۇنجى قېتىم (ئالتۇن) كەمەرنى جۇڭگودا ئالغان، نۇرغۇن كىشىلەر شۇ مەيدان مۇسابىقە سەۋەبىدىن مېنى تونۇغان، ئۇ چاغدا مەن جۇڭگونىڭ ۋېيلىسى ئىدىم. بۇ قېتىم نيويوركتا ئالتۇن كەمەر ئالالىسام ئۆزۈمنى دۇنيانىڭ ۋېيلىسىدەپ ئويلايمەن.»

لېكىن، جاڭ ۋېيلىمۇ رەقىبىنى سەل چاغلىمىدى، ئۇ مۇنداق دېگەن: «كارا ئىنتايىن قالتىس ماھىر، چۈنكى ئۇ سەككىز يىلدىن كېيىن يەنە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، مېنىڭچە ئۇ ئىنتايىن ھۆرمەتكە سازاۋەر ماھىر.»

  مۇسابىقىنىڭ بىرىنچى ئۇچرىشىشىدا جاڭ ۋېيلى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئارقا-ئارقىدىن مۇشت ئاتتى ۋە ھۇجۇمغا ئۆتتى. كارانىڭ مۇداپىئەسىمۇ ناھايىتى پۇختا بولدى، جاڭ ۋېيلى ئارقا تەرەپتىن ئېغىر مۇشت بىلەن كارانى ئۇردى، كارا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى قوغدىدى، لېكىن جاڭ ۋېيلى تەتۈر ئىلمەك مۇشت ئېتىپ، كارانى يەرگە بېسىۋالدى، ئۇزاق ۋاقىتلىق يەر يۈزىدە ئىككى تەرەپ ھېچقانداق ئۈستۈنلىككە ئېرىشەلمىدى، شۇنىڭدىن كېيىن، ئىككىيلەن قايتىدىن ئورنىدىن تۇردى، كارا يەنە بىر قېتىم قۇچاقلىشىپ جاڭ ۋېيلىنى يەرگە باسماقچى بولدى، لېكىن جاڭ ۋېيلى ئۇنى بېسىۋالدى، جاڭ ۋېيلى ئۇدا جەينەكلەپ ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.

ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا، جاڭ ۋېيلى ئۆرە تۇرۇشتا يەنىلا ئەۋزەللىككە ئىگە بولدى، كارا قۇچاقلاپ يىقىلماقچى بولدى، جاڭ ۋېيلى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، رەقىبىنى بويسۇندۇرۇپ، چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.