ما شىڭرۈينىڭ رىياسەتچىلىكىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ، بىر ئوبلاست سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش

ئەلكۈيى تورى
2022-11-09
来源:شىنجاڭ گېزىتى

QQ20201127-0.gif

ما شىڭرۈينىڭ رىياسەتچىلىكىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ، بىر ئوبلاست سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش ، تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز لى يىفېي قاتناشتى.



ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى:ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر) ۋاڭ شىڭرۈي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۈي 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ، ئاقسۇ ، خوتەن ، قەشقەر ، قىزىلسۇدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت ، بىر ئوبلاستنىڭ ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ، نۆۋەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.

ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات ، جەنۇبىي شىنجاڭ شاھماتنىڭ كۆزى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ ، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ ، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ، ئىزچىللاشتۇرۇشقا زىچ بىرلەشتۈرۈپ ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ ، « ئىككىنى بىر تۇتاش پىلانلاش » تا چىڭ تۇرۇپ ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى مۇكەممەل ، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ، ساغلام تەرەققىياتى قاتارلىق تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى كەم -كوتسىز ياخشى ئىشلەپ ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش ، تەرەققىياتتا بىخەتەر بولۇشنى پۇختا ، كۈچلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى لى يىفېي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

ما شىڭرۈي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ، تەشۋىق قىلىش ، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر ، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، ئۆگىنىش ، پىكىر يۈرگۈزۈش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈش ، بىلىش ، ئىشىنىش بىلەن قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى پۇختا تۇتۇپ ، كۆلەم خاراكتېرلىك ئۆرلەش تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك.

« باش تاكتىكا » ، « باش فاڭجېن » دا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ، گوۋۇيۈەننىڭ بىرلەشمە مۇداپىئە-كونترول مېخانىزمىنىڭ تەلىپى ۋە 9-قېتىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش لايىھەسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، يۇقۇمنى يۇقتۇرۇۋېلىش ئەھۋالى يۈز بەرگەن ناھىيە ، شەھەرلەر ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىش روھى ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەسلىكتەك ھەرىكەت ئارقىلىق ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ، تاللاپ تەكشۈرۈش ، خەۋپ – خەتەر خادىملىرىنى يۆتكەپ توشۇش ، ئايرىش ، نۇقتىلىق سورۇنلار ۋە كىشىلەر توپىنى قاتتىق باشقۇرۇش ، كونترول قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ، ياخشى ئىشلەپ ، جەمئىيەتنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى تازىلاشنى تېزلىتىش كېرەك. جايلار كىرىش - چىقىش يولى ، ئاچقۇچلۇق ئورۇن ، كۆچمە نوپۇس قاتارلىقلارنى قاتتىق باشقۇرۇپ ۋە باشقۇرۇپ ، يۇقۇمنىڭ كىرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش ؛ قوماندانلىق سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىشىنى ساقلاپ ، بايلىق ، كۈچ ، سورۇن قاتارلىق تەييارلىقلارنى كۈچەيتىپ ، يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەن ھامان تېز ، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ ، ئۇنى قورشاپ يوقىتىش كېرەك ، يامراپ كېتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ، .تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭ تارتىپ ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ ، مۇقىملىقنى قوغداش ، قانۇن ئىدارە قىلىشنى دائىملاشتۇرۇش ، كەسىپلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ ، قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە تۈرلۈك ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ساقلاش ؛ خەۋپ - خەتەرنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش ، سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، تۈرلۈك ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش ؛ سىياسىي ، ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي ، ئىدېئولوگىيە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تەكشۈرۈپ پەسەيتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل ، توغرا ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ، دىققەتنى پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان ، ۋەزىپىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ ، ‹ ‹ ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش › › ، ‹ ‹ ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش › › نى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

پاختا يىغىش ، سېتىش ، كۈزگى بۇغداي تېرىش ، ئەسلىھەلىك كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش ، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ، كېڭەيتىش بىلەن يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش ؛ دىققەتنى « سەككىز چوڭ كەسىپ توپى » غا مەركەزلەشتۈرۈپ ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ ، 1 - ، 2 - ، 3 - كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ؛ ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كۆپەيتىپ ، ئامىل بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ ، ئېنېرگىيە بايلىقى ، ئۇل ئەسلىھە ، ئېتىز - ئېرىق سۇ ئىنشائاتى ، شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى قاتارلىق چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تېزلىتىش ؛ خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ، مائارىپ ، داۋالاش ، ئىجتىمائىي كاپالەت ، تۇرالغۇ ئۆي قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى ئىشلەپ ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە تۈرتكە بولۇپ ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

ما شىڭرۈي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ، بىر ئوبلاستتا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئارقىلىق ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئاڭلىق بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى ، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ ، « ئۈچ بولسۇن » نى ئەستە چىڭ ساقلاپ ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ ، دىققەتنى ئىسلاھات ، تەرەققىيات ، مۇقىملىقتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ، ئىقتىدارى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ ، راستچىل ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ ، شەكىلۋازلىق ، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى مىخ قېقىش روھى بىلەن ئەمەلىي ، چوڭقۇر ، ئىنچىكە ئىشلەپ ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك تۈپ خاراكتېر ، ئۇللۇق ، ئۇزاق مۇددەتلىك خىزمەتكە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ پايدىلىق تۈپ ئۆزگىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ۋاڭ مىڭشەن ، خادان كابىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.