شىنجاڭنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىپ ،دەسلەپكى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى

ئەلكۈيى تورى
2022-11-02
来源:石榴云/新疆日报讯

QQ20201127-0.gif

شىنجاڭنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىپ ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا دەسلەپكى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى



ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى،شىنجاڭ گېزىتى،ئانار بۇلۇت مۇخبىر سۇپىڭ خەۋىرى:   11-ئاينىڭ 2 - كۈنى كەچتە ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۈي يەن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

نۆۋەتتە ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىپ ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا دەسلەپكى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ، تۇرپان شەھىرى نورمال ئىشلەپچىقىرىش ، تۇرمۇش تەرتىپىنى تەدرىجىي تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈردى ، شىخۇ شەھىرى ، غۇلجا شەھىرى ، كورلا شەھىرىدە بىر كۈندە يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى داۋاملىق ئازايدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپى يەنىلا بىر قەدەر يۇقىرى ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش ، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

كېيىنكى قەدەمدە ، ئاپتونوم رايونىمىز گوۋۇيۈەننىڭ 9 ـ-قېتىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش لايىھەسى ۋە داۋالاش لايىھەسىنى داۋاملىق قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش كېرەك. جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەت لايىھەسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، شۇ جاينىڭ نۇقتىلىق رايونلارغا ئاساسەن   خېسۈەن تەكشۈرۈش يەككە ئارىلاشما   نىسبىتى ۋە قېتىم سانىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك ، « يىغىپ تەكشۈرۈشكە يوللاش » ۋاقتى قىسقارتىش ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى نىشانىغا ماس كېلىدىغان خېسۈەن تەكشۈرۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ؛ بايلىق ئايرىش ۋە يۆتكەش كۈچىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ ، مۇسبەت يۇقۇملانغۇچىلارنى يۆتكەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ، يۆتكەشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق يۆتكەش ، ئايرىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئايرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ؛ ئايرىش نۇقتىسى ، چاسا بۆلمە ۋە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلارنى باشقۇرۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ، بۆلمىدىن چىقىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خادىملارنىڭ يۆتكىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش كېرەك ، ياتاق ، تاماق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك ؛ ئاممىنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى ۋە داۋالىنىش ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇرۇپ ، تۈرلۈك تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ تۈرلىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى ، داۋالىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ قولايلىق مۇلازىمەت قىلىش كېرەك؛ يۇقىرى، ئوتتۇرا ، تۆۋەن خەتەرلىك رايونلارنى تېخىمۇ توغرا ئايرىپ ، يۇقۇمسىز رايون بەرپا قىلىش خىزمىتىنى تېزلىتىپ ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش ، تۇرمۇش تەرتىپىنى تەدرىجىي ، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.




未标题aptv1-2.jpg


未标aptv题-1.jpg

未标333题-4.jpg