تۇڭشى كوماندىسى شىرئەلىجاننى باش تىرېنېر قىلغانلىقنىڭ زور پايدىسىنى كۆردى

ئەلكۈيى تورى
2022-10-30
来源:ۋاڭيى تورى

QQ20201127-0.gif

ھازىر توڭشى كوماندىسى بۇرۇنقى توڭشى كوماندىسى ئەمەس، گەرچە ھازىر پەقەت سەككىز مەيدان مۇسابىقىدە ياخشى ئوينىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ كوماندىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى، كەلگۈسىدە ياشلارنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، سەپ شەكلى تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىدۇ، نەنجىڭ توڭشى كوماندىسى تېخىمۇ ياخشى ئوينىشى مۇمكىن.

بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار كەلگۈسىدىكى كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىخ باسقۇچىدا تۇرماقتا. ھېچ بولمىغاندا، ئۇلار ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى نەتىجسىدىن ئېشىپ كەتتى، غەلىبە قىلغان مەيدان سانى جەھەتتە، ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشتى. ئۆتكەن سەككىز مەيدان مۇسابىقىدە، توڭشى كوماندىسى بىلەن ئۇچراشقان رەقىبلەر ئانچە كۈچلۈك ئەمەس، پەقەت بېيكوڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىلا ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىگە قاتناشمىغان كوماندا. ھازىر ئۇلار فۇجيەن ۋە سىچۈەن قاتارلىق كوماندىلار بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىدى، شۇڭا غەلبە قىلىش مۇساپىسى تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق.

توڭشى كوماندىسىنىڭ كېيىنكى نىشانى 2020/2021 مۇسابىقە پەسلىدىكى توققۇز مەيدان غەلىبىدىن ئېشىپ كېتىش، ئەگەر يەنە تاماملىغىلى بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىگە كىرىشنى ئارزۇ قىلسا بولىدۇ. توڭشى ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى CBA بىرلەشمىسىدىكى 20 كوماندا ئىچىدىكى بىردىنبىر پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىگە كىرەلمىگەن كوماندا، ئەگەر بۇ ۋەزىپىنى تاماملىسا، ئۇنداقتا، شىرئەلىجان ۋە بۇ بىر تۈركۈم ياش توپچىلار تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ئىچىدىكى ۋاسكېتبول ساھەسىدە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان كوماندىغا ئايلىنىدۇ.

شىرئەلىجان 2020-يىلى توڭشى كوماندىسىغا كەلگەن، ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن، كوماندىدىكى بىر تۈركۈم كونا توپچىلارنىڭ ھەممىسىنى بىرلەشمىدىكى بىر قانچە ئاجىز كوماندىلارغا ئەۋەتكەن، چۈنكى پېشقەدەم توپچىلار بۇ كوماندىلاردا يۇقىرى مائاش ئالالايتتى، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ قايتا قۇرۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى تەس.

كوماندىنىڭ بۇ بىر نەچچە يىلدىكى نەتىجىسى ئەكسىچە ناچارلىشىپ كەتتى، قايتا قۇرۇشتىن بۇرۇنقى تۆت كۈچلۈك كوماندا، قايتا قۇرۇشتىن كېيىنكى تۇنجى يىلىدىكى سەككىز كۈچلۈك كوماندا، قايتا قۇرۇشتىن كېيىنكى ئىككىنچى يىلى، يەنى ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئاخىرىدا ھەتتا پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىگىمۇ كىرەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەڭ چوڭ زىيىنى شۇكى، مەجبۇرىي قايتا قۇرۇش سەۋەبىدىن، كوماندا ئىچىدىكى چوڭ يادرو بولغان جوۋ چىنىڭ شەخسىي ئويى نەزەرگە ئېلىنمىدى، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ ئۆز يولىغا ماڭدى.

ھازىرغىچە، ئىككى تەرەپ تېخى ياراشمىدى، جوۋ چى ئۇدا ئىككى يىل چەتئەلگە چىقىپ توپ ئويناشقا مەجبۇر بولدى، جوۋ چى نېمىلا دېگەن بىلەن گو ئەيلۇن ئەمەس، ئىككىسىنىڭ مىجەزى، يېشىمۇ ئوخشىمايدۇ، جوۋ چىنىڭ ۋاز كېچىدىغان جاسارىتى بار، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئۆتكەن ئۈچ يىلدىكى مەغلۇبىيىتى ۋە جوۋ چىنىڭ ئايرىلىشىنى كوماندىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دېيىشكە بولمايدۇ.

توڭشى كوماندىسىغا ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، شىرئەلىجان بىر تۈركۈم ياش توپچىلار بىلەن بىرگە توپ ئوينىدى، گەرچە توپ چۈشۈرۈش نىسبىتى ئاران %32.3 بولسىمۇ، لېكىن بىر پۈتۈن مۇسابىقە پەسلىدە شىرئەلىجان 152 قېتىم ئۈچ نومۇرلۇق توپ چۈشۈرۈپ، شۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى يەرلىك توپچىلار ئىچىدە جياڭ ۋېيزېدىن قالسىلا 2-نومۇرلۇق ئۈچ نومۇرلۇق توپ چۈشۈرۈش شاھىغا ئايلاندى.

2-مۇسابىقە پەسىلىدە، شىرئەلىجان سەل پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشمىدى، پۈتۈن بىر مۇسابىقە پەسىلىدە ئاران 73 قېتىم ئۈچ نومۇرلۇق توپ چۈشۈردى، لېكىن ھەر مەيداندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ نومۇرلۇق توپ چۈشۈرۈش سانى جەھەتتە، يەنىلا يەرلىك توپچىلار ئىچىدە 1-ئورۇندا تۇرۇپ، جياڭ ۋېيزې، يۈەن شۈەي ۋە ۋۇ چيەن قاتارلىق ياش مەرگەنلەردىن ئېشىپ كەتتى، بىراق، ئۇنىڭ توپ چۈشۈرۈش نىسبىتى يەنىلا ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئاران %31 بولدى.

شۇ ئىككى يىلدا توڭشى كوماندىسى بىر قېتىم ئارقىدىن سانىغاندا ئىككىنچى، بىر قېتىم ئارقىدىن سانىغاندا بىرىنچى بولدى، شىرئەلىجان كوماندىنى باشلاپ توڭشى كوماندىسى تارىخىدىكى ئەڭ ناچار رېكورتنى ياراتتى. لېكىن، توڭشى ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرنىڭ كۆزى ئۆتكۈر، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈرەكلىك بولۇپ، قارار چىقىرىشقا جۈرئەت قىلىپ، شىرئەلىجاندىن ئىبارەت بۇ پېشقەدەم توپچىنى بىۋاسىتە باش تىرېنېر قىلىپ تەيىنلىدى، بۇ خىل جاسارەت ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.

ئەمەلىيەتتە ئۇلار ھەقىقەتەن ئادەمنى خاتا كۆرۈپ قالمىدى! چۈنكى شىرئەلىجان توڭشى كوماندىسىنىڭ باشلامچىسى بولۇشقا تولىمۇ ماس كېلىدۇ، ئىلگىرى توپ مەيدانىدا، شىرئەلىجان ئاللىقاچان يېرىم باش تىرېنېر ئىدى، ھازىر توڭشى كوماندىسى ئۇنىڭغا نام بەردى، شۇنداقلا ئۇنىڭ باشلامچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرىشىغا يول قويدى. شىرئەلىجان كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، جەڭگىۋارلىق روھىنى ئۇرغۇتۇشنى بىلىدۇ، بۇ ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە. ئۇ ياشلارنى قانداق مەشىقلەندۈرۈشنى ئوبدان بىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاددىي، ئۇ بولسىمۇ توپچىلارنى مەيداندا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلدۇرۇش، سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەندە، ۋاقتىدا تەنقىد قىلىش.

بۇنداق بولغاندا توپچىلار ھەم پۇرسەتنىڭ ئاسان قولغا كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ، ھەم يېتەرلىك بولغان سەۋەنلىككە بەرداشلىق بېرىش بوشلۇقى ئارقىلىق ئۆزىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۈنۈمى تەبىئىيلا يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، ئىقتىدارىمۇ تەبىئىيلا يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. شىرئەلىجان ھازىر ئاستا-ئاستا بۇ ياش توپچىلاردا ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابىنى تاپتى. ئۇ توپچىلارنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، ترېنېرنىڭ نېمىلەرنى بېرىشى كېرەكلىكىنى، قانداق بېرىش، قانچىلىك بېرىش، بېرىپ بولغاندىن كېيىن نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر چۈشەندى.

ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، تىرېنېر بولغان شىرئەلىجان كۆپ ئۆسۈپ يېتىلدى، ياش توپچىلارمۇ زور ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇنداق بولغاندا توڭشى كوماندىسى تېخىمۇ قالتىس بولۇپ كېتىدۇ. ئېنىقكى، شىرئەلىجان تالانت ئىگىسى، بۇنداق ئادەملەر قەيەرگە بارسا نۇر چاچىدۇ. شۇڭا، بۇ تەرەپتە، توڭشى كوماندىسى ئۈزلۈكسىز غەلىبە قىلغان ۋاقىتتا، يەنە بىر تەرەپتە، شىنجاڭ كوماندىسى مەستانىلىرى قىزغىن مۇنازىرە قىلدى. ئۇلار ھەرقايسى چوڭ مۇنبەرلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا شىرئەلىجاننىڭ شىنجاڭ كوماندىسىغا قايتىپ تىرېنېرلىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، شىرئەلىجاننى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي، شىنجاڭ كوماندىسى توپ مەستانىلىرى ئادىلجان تىرېنېردىن بەك ئۈمىدسىزلەندى، ھازىر كوماندىدا چوڭ ئۆزگۈرۈش بولدى، كوماندىنىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرى كۈچلەندى، بىراق نەتىجە ئويلىغاندەك بولمىدى.


未标aptv题-1.jpg素材1.jpg