رونالدو: بېسىمغا باش ئېگىش ماڭا ماس كەلمەيدۇ، مەن ھەممەيلەننى تولۇق ھۆرمەتلەپ كەلدىم

ئەلكۈيى تورى
2022-10-21
来源:تېڭشۈن تورى

QQ20201127-0.gif

مانچېستېر بىرلەشمىسى رونالدونىڭ چېلسى بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، كېيىن رونالدو ئالاقە تورىنى يېڭىلاپ، ئۆزىنىڭ ھەممە ئادەمنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى، مانچېستېر بىرلەشمىسىدە داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مانچېستىر بىرلەشمىسى بىلەن توتېنھام ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە، رونالدو 89-مىنۇتتا مۇددەتتىن بۇرۇن مەيداندىن ئايرىلدى. بۈگۈن مانچېستېر بىرلەشمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، رونالدونىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى چېلسى بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. كوماندا مۇخبىرى ئۇنىڭ كېيىنكى ئۈچ كۈندە بىرىنچى سەپ كوماندىسى بىلەن بىللە مەشىق قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رونالدو ئالاقە تورىدا يازما ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى:

مەن سەپداشلىرىمغا، رەقىبلىرىمگە، تىرېنېرلىرىمغا بولغان ھۆرمىتىمنى ساقلاشقا تىرىشتىم، بۇ ئەزەلدىن ئۆزگەرگىنى يوق. مەن ئەزەلدىن ئۆزگەرمىدىم، مەن يەنىلا ئۆتكەن 20 يىلدىن بۇيان ئىزچىل يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقىگە قاتناشقان ھېلىقى ئادەم، بۇرۇنقىدەكلا كەسپىي توپچى، ھۆرمەت مېنىڭ كەسپىي ھاياتىمدا ئىزچىل ئىنتايىن مۇھىم.

مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا مۇشۇنداق ئىدىم، مەندىن چوڭ ھەم تەجىربىلىك بولغان ئۈلگىلىك توپچىلار مەن ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئىنتايىن مۇھىم ئىدى، شۇڭا كېيىن مەن ئىزچىل كوماندىدىكى ياشلارنىڭ ئۈلگىسى بولۇشقا تىرىشتىم. بىراق، بۇ ھەمىشە مۇمكىن ئەمەس، بەزىدە بىردەملىك ھاياجان بىزنى ئەڭ ياخشى تەرىپىمىزنى يوقىتىپ قويىدۇ.

ھازىر، مەن چوقۇم كارىڭتوندا داۋاملىق تىرىشىپ، سەپداشلىرىمنى قوللاپ، مۇسابىقىگە ياخشى تەييارلىق قىلىشىم كېرەك دەپ قارايمەن. بېسىمغا باش ئېگىش مېنىڭ تاللىشىم ئەمەس، مەن ئەزەلدىن بۇنداق قىلمايمەن. بىز دېگەن مانچېستېر بىرلەشمىسى، چوقۇم ئىتتىپاقلىشىشىمىز كېرەك، ناھايىتى تېزلا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىمىز.

未标题aptv1-2.jpg未标aptv题-1.jpg