بېنزېما 2022-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-10-18
来源:جىبو با

2022-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا خانلىق مادرىد ھۇجۇمچىسى بېنزېما ئېرىشتى، شۇنداقلا ئۇ كەسپىي ھاياتىدا تۇنجى قېتىم بۇ شەرەپكە ئېرىشتى.


2022-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى باھالاشنىڭ پايدىلىنىش ۋاقتى 2021-يىلى 8-ئايدىن 2022-يىلى 7-ئايغىچە. بۇ مەزگىلدە بېنزېما ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 50 توپ كىرگۈزۈپ، 16 ياردەمچى پاس بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە كۇلۇب 46 مەيدان مۇسابىقىدە 44 توپ كىرگۈزۈپ، 15 ياردەمچى پاس بەرگەن (ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە 32 مەيدان مۇسابىقىدە 27 توپ، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە 12 مەيدان مۇسابىقىدە 15 توپ)، دۆلەت كوماندىسى 10 مەيدان مۇسابىقىدە ئالتە توپ كىرگۈزۈپ، بىر ياردەمچى پاس بەرگەن، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى، ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ۋە ياۋروپا دۆلەتلەر بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى قاتارلىق تۆت قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، شۇنداقلا كەسپىي ھاياتىدا تۇنجى قېتىم ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتى ۋە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

باھالاش قائىدىسى:

1. پەسىل بىرلىك قىلىنىدۇ، تەبىئىي يىل ۋاقىت ھېسابلانمايدۇ

2. نامزاتلار باھالاش ئۆمىكى كېڭەيتىلدى: ئالتۇن توپ باش ئەلچىسى دىروگبا ۋە ئالدىنقى نۆۋەتلىك سايلىغۇچىلارغا قوشۇلدى

3. خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەت تەرتىپىدىكى ئالدىنقى 100 دۆلەت ۋە رايوننىڭ ۋەكىللىرىلا بېلەت تاشلاش سالاھىيىتىگە ئىگە

4. ئېنىق تاللاشتا ئالدى بىلەن توپچىنىڭ شەخسىي ئىپادىسى ئويلىشىلىدۇ، توپچىنىڭ كەسپىي ھاياتى ئويلىشىلىدىغان قائىدە چىقىرىۋېتىلىدۇ