جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ھازىردىن باشلانغان مەركىزىي ۋەزىپىسى

ئەلكۈيى تورى
2022-10-16
来源:人民网

11114.jpg



جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھازىردىن باشلانغان مەركىزىي ۋەزىپىسى

图片

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىغا دوكلات بەردى.

10- ئاينىڭ 16- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا دوكلات بەردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىردىن باشلاپ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەركىزى ۋەزىپىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.