جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 7 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ

ئەلكۈيى تورى
2022-10-12
来源:شىنجاڭ گېزىتى

(2022 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 7 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 7 ـ ئومۇمىي يىغىنى 2022 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن 129 كىشى قاتناشتى، ئىككى كىشى سىرتتىن قاتناشتى.

ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى سۆز قىلدى.

ئومۇمىي يىغىن 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقتى ھەم ماقۇللىدى، دوكلاتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشقا قوشۇلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)