«پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» پات ئارىدا ئېلان قىلىنىپ نەشر قىلىنىدۇ

ئەلكۈيى تورى
2022-10-15
来源:شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت ـ ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى «پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»نى تۈزۈپ چىقتى، پات ئارىدا ئېلان قىلىنىپ نەشر قىلىنىدۇ.

پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە، ئىنتايىن ئالاھىدە بەش يىل بولدى. بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئارقا ـ ئارقىدىن كەلگەن غايەت زور خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش روھى ئارقىلىق يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئالغا سىلجىتتى.

«چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»دە ھەربىر چوڭ ئىش، ھەربىر تارىخىي پاكىت، ھەربىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى ئالغا سىلجىتىش، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى ۋە ئوتتۇرىغا قويغان ئىجادىي بولغان دۆلەت ئىدارە قىلىش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قوللانغان بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەر، ئالغا سىلجىتقان بىر قاتار ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك ئەمەلىيەت، ئىشقا ئاشۇرغان بىر قاتار بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەر، قولغا كەلتۈرگەن بىر قاتار بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەر ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنغان؛ پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش شانلىق مۇساپىسى، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋە ئەسىر يۇقۇمىغا باتۇرلۇق بىلەن تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ كۈرىشى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن قوشقان ئەڭ يېڭى تۆھپىسى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»نىڭ تۈزۈپ تارقىتىلىشى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.