پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى تاشقى كۈتۈۋېلىش مۇلازىمىتىنى رەسمىي باشلىدى

ئەلكۈيى تورى
2022-10-14
来源:شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر پەن جيې) 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، چېگرا ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن مۇخبىرلارنىڭ 20 - قۇرۇلتاينى زىيارەت قىلىشىنى مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى تاشقى كۈتۈۋېلىش مۇلازىمىتىنى رەسمىي باشلىدى.

ئاخبارات مەركىزىنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيە رايونى بېيجىڭ مېيدىيا مەركىزى ۋە بېيجىڭ شىنشىجى رىخاڭ مېھمانخانىسىغا تەسىس قىلىندى، تۇرۇشلۇق ئورۇندا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش رايونى، ئاخبارات ئېلان قىلىش رايونى، مۇخبىرلار خىزمەت رايونى، تاراتقۇلار خىزمەت رايونى، ماتېرىيال مۇلازىمەت رايونى، سىنلىق زىيارەت قىلىش ئۆيى، رادىيو - تېلېۋىزىيە سىگنال مۇلازىمەت ئۆيى، تور مۇلازىمەت ئۆيى، سۈرەت مۇلازىمەت ئۆيى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مۇخبىرلارنى ئاخبارات زىيارىتى، ماتېرىيال تەكشۈرۈش، ئاممىۋى رادىيو - تېلېۋىزىيە سىگنالىنى ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇلازىمەت ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

20 - قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئاخبارات مەركىزى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش، توردا سىنلىق زىيارەت قىلىش، يازما زىيارەت قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق چېگرا ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن مۇخبىرلارنى مول، رەڭدار، قىزغىن، ئەتراپلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. قۇرۇلتاي مەزگىلىدە، ئاخبارات مەركىزى چېگرا ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن مۇخبىرلارنى قۇرۇلتاينىڭ بىر قىسىم مۇھىم قارالمىلىرىنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىشقا تەشكىللەيدۇ، پارتىيە ۋەكىللىرى يولىدا زىيارەت قىلىش پائالىيىتىنى تەشكىللەيدۇ، كۆپ مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ۋە كوللېكتىپ زىيارەتنى تەشكىللەيدۇ، چېگرا ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن مۇخبىرلارنى بېيجىڭ شەھىرىدە ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولۇشقا تەشكىللەيدۇ، چېگرا سىرتىدىن كەلگەن مۇخبىرلارنىڭ قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى ئايرىم زىيارەت قىلىشى قاتارلىقلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئاخبارات مەركىزى توردا سىنلىق زىيارەت قىلىش سىستېمىسىنى مەخسۇس قۇردى، چېگرا ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن مۇخبىرلار شىنشىجى رىخاڭ مېھمانخانىسىدا تۇرۇپلا تور سىنلىق مەخسۇس لىنىيەسى ئارقىلىق خەلق سارىيىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش زالى، مېيدىيا مەركىزىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش زالى ھەمدە ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىكى سىنلىق زىيارەت قىلىش ئۆيى بىلەن ئۇلىنىش قىلىپ زىيارەت قىلسا بولىدۇ. ئاخبارات مەركىزى يەنە چېگرا ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن مۇخبىرلارنى ياتاق ۋە قاتناش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، مۇخبىرلارنىڭ ئاخبارات مەركىزى تەشكىللىگەن مۇھىم زىيارەتلەرگە قاتنىشىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

20 - قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى ئاخبارات مەركىزى ھۆكۈمەت تورى ھەم ئالاقىدار سۇپا نومۇرلىرىنى ئاچتى. چېگرا ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن مۇخبىرلار ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇلازىمەت مەزمۇنى ۋە تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلىيەلەيدۇ ھەم ھۆكۈمەت تورىدىكى «مۇخبىرلار مەخسۇس رايونى» ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ زىيارەت خام ماتېرىيالىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئاخبارات مەركىزى يەنە چېگرا سىرتىدىن كەلگەن مۇخبىرلارنى تىزىملاپ ئەنگە ئېلىش سىستېمىسى ۋە ۋەكىللەرنى زىيارەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش سىستېمىسىنى ئېچىپ، چېگرا سىرتىدىن كەلگەن مۇخبىرلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇپ قۇرۇلتاينى زىيارەت قىلىشىغا ھەمدە قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى زىيارەت قىلىش ئىلتىماسىنى سۇنۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.