پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە

ئەلكۈيى تورى
2022-10-12
来源:شىنجاڭ گېزىتى

«يۈكنى يېنىكلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، يېڭى سەھىپە ئېچىش − پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكەنلىكى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

«يۈكنى يېنىكلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، يېڭى سەھىپە ئېچىش − پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكەنلىكى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 10 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى «يۈكنى يېنىكلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، يېڭى سەھىپە ئېچىش − پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكەنلىكى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىستىل مەسىلىسى كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش ـ قىلالماسلىققا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىغا مۇناسىۋەتلىك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەكىلۋازلىقتىن ئىبارەت گەۋدىلىك مەسىلىنى ھەل قىلىش بىلەن ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش يېڭى ئەمەلىيىتى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدەندى. مەركەز قاتلىمىدىن شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى ئارقىلىق كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن ئىبارەت گەۋدىلىك مەسىلىنى سىجىل تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئورۇنسىز يۈكتىن قۇتۇلدۇردى.

يۈكنى يېنىكلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، يەڭگىل جابدۇنۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش. كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى دادىللىق بىلەن ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى كۆزلەشكە سەرپ قىلىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

ماقالە ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇش: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە تۈرتكە بولۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ۋە پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى؛ سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىش: مەركەز قاتلىمىدىن شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى ئارقىلىق شەكىلۋازلىق كونا مەسىلىلىرى، يېڭى ئىپادىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش تۇتۇلدى؛ نەتىجىسى ياخشى بولۇش: كۆپ يىللاردىن بۇيان تۈگىتىلمىگەن بەزى جاھىل ئىللەتلەر تۈزىتىلدى، ئۇزاقتىن بۇيان قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان بەزى ناتوغرا ئىستىللار چەكلەندى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئېگەرنى ئاتتىن ئايرىمايدىغان، چۇلۋۇرنى قويۇپ بەرمەيدىغان ئىرادە، قايتا ـ قايتا تۇتىدىغان، قايتىلىنىشنى تۇتىدىغان چىدامچانلىق ۋە مىخ قېقىش روھى بىلەن شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتسەكلا، مۇقەررەركى پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز.