شىنجاڭدىن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر بېيجىڭغا يېتىپ باردى

ئەلكۈيى تورى
2022-10-15
来源:شىنجاڭ گېزىتى

شەرەپلىك بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، مۇقەددەس مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش

شىنجاڭدىن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر بېيجىڭغا يېتىپ باردى

10 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، شىنجاڭدىن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر بېيجىڭغا يېتىپ باردى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 10 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ بېرىپ، قۇرۇلتايغا تىزىمغا ئالدۇردى.

«پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا كەلگۈسى بەش يىل، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ نىشان ـ ۋەزىپىسى ۋە چوڭ سىياسەت ـ فاڭجېنلىرى ئىلمىي پىلانلىنىدۇ.» ۋەكىل جاۋ ۋېنچۈەن مۇنداق بىلدۈردى: چۇقۇم ئەقىل ـ پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى ياخشى ئېچىشقا مۇجەسسەملەپ، ھەر مىللەت ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، ۋەكىل لى ۋېنجۈەن بۇرچىنىڭ شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىر، زور ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. «تەشكىل ۋە يولداشلار ماڭا ئىشەندى، مەن پارتىيە ۋەكىلىلىك مەسئۇلىيىتىمنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، شىنجاڭدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ياخشى روھىي قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلىمەن.» ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە قالتىس 10 يىلنى بېسىپ ئۆتتى، بىز چوقۇم قالتىس شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمىز.

ۋەكىللەر بېيجىڭغا بېرىشتىن بۇرۇن تولۇق تەييارلىق كۆردى، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىدىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ۋە تەكلىپ ئېلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىغا بولغان سەمىمىي تىلىكى ۋە قىزغىن ئۈمىدىنى ئېلىپ كەلدى. ۋەكىل رەھىمە ئاۋۇت مۇنداق دېدى: «مەن بۇ شان ـ شەرەپنى خىزمەتتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن يۈرەك سۆزلىرىنى قۇرۇلتايغا ئېلىپ كەلدىم، قۇرۇلتاينىڭ روھىنى چوڭقۇر، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن مائارىپ خىزمىتىگە ئاتلىنىپ، دۆلەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىمەن».

بېيجىڭغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ۋەكىللەرنىڭ قەدەملىرى مەزمۇت، ئىشەنچى تولۇپ تاشقان بولۇپ، قىزغىن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، يۈكسەك شەرەپنى قەدىرلەپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتىن ئىبارەت بىر يۈكسەك ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەندى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، قۇرۇلتاينىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياخشى تاماملاپ، راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز.

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە جەمئىي 43 ۋەكىل بار بولۇپ، خەنزۇ مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى، قازاق مىللىتى، موڭغۇل مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتى، قىرغىز مىللىتى، تاجىك مىللىتى، شىبە مىللىتى قاتارلىق سەككىز مىللەتتىن تەركىب تاپقان، ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى %44نى ئىگىلەيدۇ. ۋەكىللەر ئىچىدە، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلارمۇ، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، مالىيە ـ سودا، پەن ـ تېخنىكا، مائارىپ، تەشۋىقات، مەدەنىيەت، سەھىيە قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى پارتىيە ئەزالىرىمۇ بار، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىكى مۇنەۋۋەر ۋەكىللەردۇر.