تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايوندا يۇقۇملانغۇچى بولسا، ئاھالىلەر بۇ مۇداپىئەلەرنى ياخشى قىلىشى كېرەك

ئەلكۈيى تورى
2022-10-07
来源:شىنجاڭ گېزىتى

QQ20201127-0.gif

شىنجاڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسى: تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايوندا يۇقۇملانغۇچى بولسا، ئاھالىلەر زىيادە ساراسىمىگە چۈشمەي، بۇ مۇداپىئەلەرنى ياخشى قىلىشى كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ) 10- ئاينىڭ 6- كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى نى مىڭجيەن مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

ئەگەر ئاھالىلەر تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايوندا يۇقۇملانغۇچىلار بولسا، ئاھالىلەر زىيادە ساراسىمىگە چۈشۈپ كەتمەسلىكى كېرەك، يۇقۇملانغۇچى ۋە يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار يۆتكەپ كېتىلگەندىن كېيىن، كەسپىي دېزىنفېكسىيەلەش- مىكروب ئۆلتۈرۈش ئەترىتى يۇقۇملانغۇچىلار ئاشكارىلانغان خەۋپ بار سورۇنلارنى ۋە ئولتۇراق رايوندىكى ئاممىۋى رايونلارنى، جۈملىدىن لىفىت كۇنۇپكىسى، تۇتقۇچ، ئىشىك سىرتىدىن چاقىرىش كۇنۇپكىسى قاتارلىقلارنى دىزېنفېكسىيەلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ. ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئولتۇراق رايوندىكى كۆكەرتىلگەن ئورۇنلار، يول، تاملارنى كەڭ كۆلەمدە دېزىنفېكسىيەلەش ھاجەتسىز، ئولتۇراق رايوننىڭ مۇھىتىغا ئورۇنسىز زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر تۆۋەندىكى مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك:

 ئالدى بىلەن، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر لىفىتقا ئولتۇرغاندا، پەلەمپەيدىن ماڭغاندا ماسكىنى ئۆلچەملىك تاقىشى، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنىڭ سىرتقى يۈزىنى تۇتۇشتىن ساقلىنىشى، قولنى تازىلاشتىن بۇرۇن كۆزى، ئېغىزى، بۇرنىنى سىلىماسلىقى كېرەك.

 ئىككىنچىدىن، ئائىلىدە ھەر كۈنى دېرىزىنى ئېچىپ شامالدىتىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش لازىم، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 2- 3 قېتىم شامالدىتىش، ھەر قېتىمدا 30 مىنۇتتىن كەم قىلماسلىق كېرەك.

 ئۇنىڭدىن باشقا، ئائىلىدە تۇرغاندا دېزىنفېكسىيەلەشتە تازىلاشنى ئاساس، دېزىنفېكسىيەلەشنى قوشۇمچە قىلىش كېرەك، دېزىنفېكسىيەلەشتە چوقۇم دېزىنفېكسىيەلەش دورىسى ئىشلىتىش شەرت ئەمەس، ئائىلىدە تۇرغاندا ئالدى بىلەن ئاپتاپقا قاقلاش، ئىسسىتىش قاتارلىق فىزىكىلىق دېزىنفېكسىيەلەش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش كېرەك. نۇقتىلىق ھالقىلار، ئوبيېكتلارنى، مەسىلەن قاچا- قۇچا، تېز يوللانما، ئىشىك تۇتقۇچى قاتارلىقلارنى دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك. دېزىنفېكسىيەلەش دورىسىنى ئىشلەتكەندە چۈشەندۈرۈش قەغىزىگە ئاساسلىنىش، ئوخشاش بولمىغان دېزىنفېكسىيەلەش ئوبيېكتىغا قاراپ، مۇۋاپىق قويۇقلۇقتا تەڭشەپ، مۇۋاپىق دېزىنفېكسىيەلەش ئۇسۇلى بىلەن دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك. دېزىنفېكسىيەلىگەندە ئۆزىنى ياخشى مۇداپىئە   قىلىش، دېزىنفېكسىيەلەش دورىسى تەڭشىگەندە ماسكا، پەلەي تاقاش ھەمدە شامال ياخشى ئۆتۈشىدىغان مۇھىتتا تەڭشەش، تەڭشىگەن دېزىنفېكسىيەلەش دورىسىنى تېز ئىشلىتىش كېرەك. بەكرەك دېزىنفېكسىيەلەيدىغان جايلار ئاساسلىقى يان تېلېفون، مائۇس، ئىشىك تۇتقۇچى، جۈمەك، ھەر خىل كۇنۇپكىلار قاتارلىق كۆپ ئىشلىتىدىغان ۋە تۇتىدىغان بۇيۇملارنىڭ يۈزىدىن ئىبارەت. بۇلارنى %60-%80 لىك ئىسپىرتلىق پاختا شارچىسى ياكى دېزىنفېكسىيەلەش نەم قەغىزى بىلەن سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك. كىيىم- كېچەك، يوتقان- كۆرپە قاتارلىق توقۇلما بۇيۇملارنى ئادەتتە ئالاھىدە دېزىنفېكسىيە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، لېكىن پات- پات ئالماشتۇرۇپ يۇيۇش، پات- پات ئاپتاپقا سېلىش كېرەك، قۇياش نۇرىدا 4- 6 سائەت ئاپتاپقا سالسا بولىدۇ. قاچا- قۇچىلارنى ئادەتتە «تازىلاش سۇيۇقلۇقى +   ئېقىۋاتقان سۇ» بىلەن يۇيۇش لازىم، ئەگەر خاتىرجەم بولالمىسا، قاينىتىش ياكى دېزىنفېكسىيەلەش ئىشكاپى ئىشلىتىشمۇ ناھايىتى ياخشى تاللاش بولالايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئائىلىدە دېزىنفېكسىيەلەشنىمۇ زىيادە كۆپ قىلىۋېتىشتىن ساقلىنىش، «دېزىنفېكسىيەلەش»نى «زەھەرلەش»كە ئۆزگەرتىپ قويماسلىق كېرەك. زىيادە دېزىنفېكسىيەلەش دېزىنفېكسىيە ئۈنۈمىنى ئاشۇرالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ساغلاملىققا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 ئاھالىلەر سىرتقا چىقىپ، خېسۇەن تەكشۈرتۈپ ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن چاپىنىنى سېلىپ شامال ئۆتۈشىدىغان ئورۇنغا ئېسىپ قويۇشى كېرەك؛ ماسكىنى ئېلىپ، قايتا ئىشلىتىدىغان بولسا، قۇرغاق، شامال ئۆتۈشىدىغان جايغا ئېسىپ قويۇشى كېرەك؛ «سوپۇن/قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى +   ئېقىۋاتقان سۇ» بىلەن ئىككى قولىنى ۋاقتىدا تازىلىشى لازىم؛ سېلىۋەتكەن ئاياغنى ئىشىك ئالدىغا قويۇپ قويۇشى، ئاياغنىڭ يۈزىنى دېزىنفېكسىيەلەش ھۆل قەغىزى بىلەن سۈرتۈشى كېرەك؛ يان تېلېفون، ئاچقۇچ قاتارلىق يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان بۇيۇملارنى %75لىك ئىسپىرتلىق پاختا شارچىسى ياكى دېزىنفېكسىيەلەش ھۆل قەغىزى بىلەن سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيەلىشى كېرەك. شارائىتى بارلار ئۆيىدە «بۇلغانغان رايون» بىلەن «پاكىز رايون»نى ئايرىپ، سىرتقا چىققاندا كىيگەن كىيىم- كېچەك، ئاياغلىرىنى «بۇلغانغان رايون»دا قالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ.