شىنجاڭ شىنجاڭدىن ئايرىلىدىغانلار ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى

ئەلكۈيى تورى
2022-10-06
来源:شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ شىنجاڭدىن ئايرىلىدىغانلار ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ شىنجاڭدىن بىخەتەر، تەرتىپلىك ئايرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ) 10- ئاينىڭ 5- كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئېلزات زادە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

 ئاپتونوم رايون سىرتقا يامراشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى نۆۋەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، خەۋپ- خەتەر ساقلانغان كىشىلەر ۋە خەۋپ- خەتەر ساقلانغان رايونلارنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رايون ھالقىپ يۆتكىلىدىغان خادىملارنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا شىنجاڭدىن ئايرىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئايرودۇرۇم، پويىز ئىستانسىسى، قاتناش يول ئېغىزى قاتارلىق شىنجاڭدىن ئايرىلىدىغان قاتناش ئايرودۇرۇم- بېكەتلىرىنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەشنى قاتتىق، پۇختا، ئىنچىكە كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ سىرتقا يامراش ۋەزىيىتىنى تېزدىن تىزگىنلىدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە توغرىلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»، قاتلاممۇقاتلام يۈكلەش قاتارلىق زىيادە باشقۇرۇش- تىزگىنلەش قىلمىشلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، شىنجاڭدىن ئايرىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلەرگە قارىتا، بىز شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ساغلاملىق كودى بېتىدە شىنجاڭدىن چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش ئىقتىدارىنى جىددىي ئېچىپ، شىنجاڭدىن ئايرىلىدىغانلار ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ شىنجاڭدىن بىخەتەر، تەرتىپلىك ئايرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق.

 يۇقۇم كۆرۈلمىگەن ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون) لەردىكى كىشىلەر، ئۆزى يەتتە كۈن ئىچىدە خەۋپ- خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى، ئوتتۇراھال، تۆۋەن رايوندا ساياھەت قىلغانلىق، تۇرغانلىق تارىخى يوقلۇقى توغرىسىدىكى ۋەدىنامە بىلەن تەمىنلەيدۇ، تۇرۇشلۇق ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى شىنجاڭدىن ئايرىلىش ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىدۇ، 48 سائەت ئىچىدىكى ئىككى قېتىملىق (ھەر كۈنى بىر قېتىم، ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق خېسۇەن ئەۋرىشكىسى شىنجاڭدىن چىقىشتىن بۇرۇنقى 24 سائەت ئىچىدە ئېلىنغان بولۇشى كېرەك، پويىز، خەلق ئاۋىياتسىيەسىدە قوزغىلىش، ئۇچۇش ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ) خېسۇەن تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىققانلىق ئىسپاتى ۋە شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى ساغلاملىق كودى يېشىل كودىنى ئېلىۋالىدۇ، شىنجاڭدىن ئايرىلىدىغان قاتناش ئايرودۇرۇم- بېكەتلىرى ۋە تاشيول ئېغىزلىرىدا، تېببىي خادىملار شىنجاڭدىن ئايرىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلەرنى يەنە بىر قېتىم بىر ئادەمگە بىر نەيچە ئىشلىتىپ خېسۇەن تەكشۈرۈشى ۋە ئانتىگېن تەكشۈرۈشى قىلىدۇ، مەنپىي نەتىجىگە ئاساسەن شىنجاڭدىن ئايرىلىدۇ.

 ئەگەر سىرتقا چىقىپ داۋالىنىش قاتارلىق ئالاھىدە ئېھتىياجى بولسا، ناھىيە دەرىجىلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ باھالايدۇ، ۋىلايەت، ئوبلاست دەرىجىلىك قوماندانلىق ئىشتابى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ شىنجاڭدىن ئايرىلىش ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتىنى چىقارغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق قوماندانلىق ئىشتابىغا مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، بېيجىڭغا كىرىدىغانلار ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى پايتەخت بېيجىڭغا كىرىشنى قاتتىق باشقۇرۇش بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ماسلاشتۇرۇش بىردەك بولغاندىن كېيىن سەپەرگە چىقسا بولىدۇ.

 كىم تەستىقلىغان بولسا شۇ مەسئۇل بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، شىنجاڭدىن چىقىش ئىلتىماسىنى ئىلتىماس قىلغۇچى تۇرۇشلۇق ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى ئەستايىدىل ھۆكۈم قىلىپ تەھلىل قىلىپ، تەكشۈرۈشنى ۋاقتىدا تاماملايدۇ. ھەرقايسى جايلار مەخسۇس ئادەم بېكىتىپ 24 سائەت پۈتۈن كۈن مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭدىن چىقىدىغان كىشىلەرنىڭ «شەخسلەر شىنجاڭدىن چىقىشتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش سەمىمىيەت ۋەدىنامىسى»نى تولدۇرۇپ ئىمزا قويۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى ھەمدە كېيىنكى ئىز قوغلاپ يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

 چېكىپ چۈشۈرۈڭ

شەخسلەر شىنجاڭدىن چىقىشتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش سەمىمىيەت ۋەدىنامىسى(خەنزۇچە)