ئۈرۈمچىدە ئۈچ كۈنلۈك تېنچ باشقۇرۇش يولغا قويۇلامدۇ؟ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

ئەلكۈيى تورى
2022-09-02
来源:石榴云/新疆日报

QQ20201127-0.gif

ئانار بۇلۇت،شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى، ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى:

ئومۇمىي ئۇقتورۇش

ئالدىنقى بىر مەزگىللىك تىرىشىش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشتا باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، شەھەر ئاھالىسى ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تەدرىجىي، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلدى. لېكىن تىيانشان رايونى، سايباغ رايونىدىكى ئوتتۇرا، يۇقىرى خەۋپ ـ خەتەر رايونى ھازىر يەنىلا بىر قەدەر كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەۋپ ـ خەتىرى تۆۋەن رايونلار بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، بۇ رايونلاردىكى نوپۇسنىڭ زىچلىقى يۇقىرى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مۇھىتى مۇرەككەپ، ۋىرۇسنىڭ يوشۇرۇن تارقىلىشىدىكى ئېنىقسىز خەۋپ-خەتەر يەنىلا مەۋجۇت، بولۇپمۇ يېقىندا مەھەللىدە تارقىلىپ يۈرگەن كېسەللەر ئاندا-ساندا كۆرۈلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئىشنى ئوتتۇرا، يۇقىرى خەتەرلىك رايونلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئائىلە ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىشتىن باشلاپ، ماددىي ئەشيا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، كۈندە بىر قېتىم يەتكۈزۈپ بېرىشنى،   ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئائىلە ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيانى يەتكۈزۈشكە تەڭشەپ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئاھالىلەر بىلەن ئۇچرىشىش قېتىم سانىنى ئازايتىپ، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئازايتىمىز.

مەھەللە كادىرلىرى سىياسەتنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئامما بىلەن تولۇق پىكىر ئالماشتۇرمىغانلىقى، تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش جايىدا بولمىغانلىقى، تەقسىملەش، يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى تەڭشەش ئەھۋالىنى كۆپچىلىككە ئېنىق ئېيتمىغانلىقى سەۋەبىدىن، قىسمەن ئامما خاتا ھالدا ئۈچ كۈن ئۆيدە جىم تۇرۇش، ھەمدە توردا ئېنىق بولمىغان ئۇچۇرنى تارقىتىپ، ئۈچ كۈن تېنچ ھالەتتە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشتەك خاتا تور تېمىسىنى شەكىللەندۈردى، بۇنى ئالاھىدە ئايدىڭلاشتۇرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي قاتلام مۇلازىمىتىنى جايىدا قىلالمىغان جايلارنى كۆپچىلىكنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى سورايمىز.

ھەر مىللەت شەھەر ئاممىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە پائال ماسلىشىشى بىلەن، پۈتۈن شەھەردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋەزىيىتى داۋاملىق ياخشىلاندى. تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى جەمئىيەت قاتلىمىدىن دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى خەۋپ ـ خەتەر رايونىغا ۋاقتىدا ھۆكۈم قىلىپ، ھەرىكەتچان تەڭشەپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنى تەدرىجىي، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. شەھەر ئاھالىسى دوستلارنىڭ خىزمىتىمىزنى داۋاملىق چۈشىنىشى ۋە قوللىشىنى، ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىپ، روھىي ھالىتىنى تەڭشەپ، سەگەكلىكنى ساقلاپ، ئىغۋاغا ئىشەنمەي، ئىغۋا تارقاتماي، ياخشى بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەرتىپىنى قوغداپ، تەستە قولغا كەلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى قەتئىي ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى

2022-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى

مەنبە:ئانار بولۇت ، شىنجاڭ گېزىتى

تەرجىمىدە: ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى


素材1.jpg