قارا قول ئادۋۇكات (ئۇيغۇرچە 17-قىسىم) ئەلكۈيىدە ئېلان قىلىندى

ئەلكۈيى ئەپ دىتالى
2022-08-27
来源:ئەلكۈيى كىنوقانىلى

QQ20201127-0.gif

未标333题-1.jpg

   بۈگۈن ئوخشاش ۋاقىتتا لى جۇڭشۇ باش رول ئالغان نادىر تىياتىر "قارا قول ئادۋۇكاتنىڭ 9-قىسىمى (ئۇيغۇرچە 17-قىسىم) ئەلكۈيى كىنو ئەپ دىتالى ۋە ئەلكۈيى كىنو قانىلىدا يېڭىلاندى،ۋەقەلىك تېخىمۇ ئادەمنى قىزىقتۇرۇپ ، تور دۇنياسىدا چوڭ چاشقان زادى كىم دېگەن پەرەز قىزىق نوقتىغا چىقتى،ۋەقەلىك بىلەن بىرلىكتە   كىشىلەر يەنە كىمنىڭ چوڭ چاشقان ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.

گەرچە بۇ قىسىمدا چاڭخاۋ (لى جۇڭشو ) كېلىشكەن ھالىتىدە نامايەن بولۇپ، تاراتقۇلار ئالدىدا ئۆزىنى پاك تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ چوڭ چاشقان سالاھىيىتىدىن قۇتۇلغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن كىمنىڭ قارا چاشقان ئىكەنلىكى يەنىلا ھەل قىلىنمىغان.ھازىر قارايدىغان   بولساق خۇددى شەھەر باشلىقى چوڭ چاشقانغا ئوىشا قېلىۋاتىدۇ شەھەر باشلىقى چوڭ چاشقانمۇ؟ ئالتۇن ئۇنىڭ قولىدا، ئۇ بىر چاشقان؟ چوقۇم يەنە تەتۈر ئايلىنىش بار.

توققۇزىنچى قىسىمدا،(ئۇيغۇرچىدا 17-قىسىم)دا چاڭخاۋ ئايالى مېي مېي (لىن يۈنئېر ) ، قېيىن ئاتىسى ۋە ئادوۋكاتىنىڭ ياردىمىدە، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق دوكتۇرنى ئۆلتۈرگەن گۇمانلىق كىشىلەرنى سوتلاشقا قاتناشتى ھەمدە   چاڭخاۋ بىلەن ئايالى چاڭخاۋ تۈرمىگە كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى كىچىككىنە غەلىبىگە ئېرىشتى.

لېكىن ئىش بۇنداق ئاددىي ئەمەس. چاڭخاۋ ئەمدى چاشقان بولۇشتىن قوتۇلۇپ، قايتىدىن چاڭخاۋنىڭ ئورنىغا قايتىپ كەلدى، ئۇنىڭ تېخى يۇيۇلمىغان جىنايىتى بار ،ئەمدى يۇيۇلمىغان جىنايىتىنى قانداق ئاقلايدۇ؟ چوڭ چاشقان نېمىشقا چاڭخاۋنى تاللايدۇ؟ زادى چاڭخاۋنىڭ قوش سالاھىيىتى بارمۇ يوق؟ كۇڭ ۋەكىل ئەمدى قايسى شاھمات تاختىسى ئارقىلىق چاڭخاۋ بىلەن تۇتۇشىدۇ؟


未标333题-1.jpg


未标333题-4.jpg未标aptv题-1.jpg