يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە پىدائىيلار ئەلا مۇلازىمىتى بىلەن مەسئۇلىيىتىنى دا

ئەلكۈيى تورى
2022-08-20
来源:تىيانشان تورى


8ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، كۇچا شەھىرى ئىشخىلا بازىرىدىكى پىدائىيلار ئارا مەھەللە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسىگە دورا ئاپىرىپ بەردى.

  ۋۇ لې فوتوسى

  يۇقۇمنىڭ ئۆزى بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەسئۇلىيەت، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پىدائىيلار ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىخەتەرلىك لىنىيەسىنى مۇستەھكەملىدى. ئۇلار تومۇز ئىسسىقتىن، خەتەردىن قورقماي، قان تەرى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلدى.

  8-ئاينىڭ 14-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ ئىتتىپاق ئولتۇراق رايونىدا پىدائىيلار ئاھالىلەرگە خېسۇەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.

  ۋاڭ شۆ فوتوسى

  8-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى چىداۋان شىمالىي يولىدىكى بىر ئولتۇراق رايوندا، پىدائىيلار تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئايرىماقتا.

  دۇ مىڭ فوتوسى

  8-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توپلۇق يېزىسى يۇقارقى كالكال كەنتىدىكى پىدائىيلار تۇغۇت تەكشۈرتمەكچى بولغان ھامىلىدار ئايالنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدى.

  ياڭ شو فوتوسى

  8-ئاينىڭ 14-كۈنى، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ چەرچەن بازىرى جيايۈەن مەھەللىسىدىكى پىدائىيلار ئاھالىلەرگە ۋاقتىدا خېسۇەن تەكشۈرتۈشنى ئەسكەرتمەكتە.

  جاڭ گوچېڭ فوتوسى

  8-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىدىكى پارتىيەلىك پىدائىيلار ئاھالىلەرگە ياردەملىشىپ دورا سېتىۋالماقتا.

  باۋ لياڭتىڭ فوتوسى

  8-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى چىداۋان شىمالىي يولىدىكى بىر ئولتۇراق رايوندا، پىدائىيلار ئاھالىلەرگە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىشكە تەييارلانماقتا.

  ليۇ شىيۈەن فوتوسى

  8-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئۇچتۇرپان بازىرىدىكى پىدائىيلار كارتا سۈرتۈپ ئاھالىلەرگە توك قاچىلاپ بەرمەكتە.

  ۋەلى قېيۇم فوتوسى