ئاھالە ۋېيشىن توپىدا «ئاق مۇداپىئە كىيىمى كىيگەن»لەرنىڭ ھالىغا يېتىپ، بەك ئېغىر ئىچىملىكلەرنى ئازراق

ئەلكۈيى تورى
2022-08-18
来源:تىيانشان تورى

ئانا بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما بېي) «ھاۋا شۇنچە ئىسسىق تۇرسا، بىز <ئاق مۇداپىئە كىيىمى كىيگەن> لەرنىڭ ھالىغا يېتىپ، ئۇنداق ئېغىر ئىچىملىك، پىۋا دېگەندەك ئېغىر نەرسىلەرنى ئازراق زاكاز قىلساق بولامدۇ؟» 8- ئاينىڭ 17- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى سۈيچۈەن يولى كوچا باشقارمىسى جەنۇبىي ياشلار يولى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى لى شياۋلىڭ ۋېيشىن توپىدا بۇ تەشەببۇسنى چىقارغاندىن كېيىن، نۇرغۇن قوشنا بۇنىڭغا ئاۋاز قوشتى.

«دەسلەپتە بىر قېتىمدىلا ھەممە نەرسىنى تولۇق سېتىۋېلىشنى ئويلىغان ئىدىم، مىقدارى بىر قەدەر كۆپ ئىدى. كېيىن بايقىسام، يەتكۈزۈپ بېرىش ۋاقتى ئادەتتىكىدىن ئۇزاقراق بولغاندىن باشقا، نېمە سېتىۋالماقچى بولسام ئاساسىي جەھەتتىن سېتىۋالالايدىكەنمەن.» لى شياۋلىڭ مۇنداق دېدى: بىر قېتىم «ئاق مۇداپىئە كىيىمى كىيگەن» بىر پىدائىينىڭ بىر يەشىك ئىچىملىكنى كۆتۈرۈپ بىناغا چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاھالىلەرگە ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن توپتا بىر تەشەببۇس ئېلان قىلىش ئېسىمگە كەلدى، ئويلىمىغان يەردىن نۇرغۇن قوشنىنىڭ قوشۇلۇشى، قوللىشىغا ئېرىشتىم.

«توغرا ئېيتتىڭىز! بىز ئۆزىمىزنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلىنىپ باقساق، ئۆزئارا چۈشىنىشىپ باقساق بولىدۇ. <ئاق مۇداپىئە كىيىمى كىيگەن>لەرنىڭ خىزمەت مىقدارىنى ئىمكانقەدەر ئازايتايلى.» «كۆپچىلىك ئامال بار زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋېلىڭلار، بەك ئېغىرلىرىنى سېتىۋالمىساڭلار! » «شۇنداق، نەرسە- كېرەكنى ئازراق سېتىۋېلىشمۇ ئۇلارنىڭ خىزمەت مىقدارىنى يېنىكلەتكەنلىك بولىدۇ» ... ۋېيشىن توپىدا ئاھالىلەر بەس- بەستە بۇ تەشەببۇسنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

بۇ مەزگىلدە، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلارغا رەھمەت ئېيتتى.

ئاھالىلەر كۆكتات بولاقلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، قىزغۇچ سېرىق، سېرىق، يېشىل، كۆك، سۆسۈن رەڭلىك كۆكتاتلاردىن كۈلكە چىراي، كىچىك ئوماق ئادەم، چىرايلىق خەت قاتارلىق ئىجادىي شەكىللەرنى تىزىپ چىقىپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى؛ تىجارەتچىلەر دۇكاننىڭ ئالدىغا ئىچىملىك قاچىلانغان توڭلاتقۇنى تىزىپ قويۇپ، بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىملىرى ۋە پىدائىيلارنىڭ ھەقسىز ئىشلىتىشىگە تەييارلاپ قويدى، ھەمدە «جاپا تارتىۋاتقان سىلەرگە رەھمەت» دېگەن خەتنى چاپلاپ قويدى؛ يەنە بەزى ئاھالىلەر ئۆزلۈكىدىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىملىرىغا نان، قۇيماق، سېرىق ئاش، سامسا، چاي تۇخۇم بەردى.

ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي ياشلار يولى مەھەللىسىدىكى پىدائىي لى ۋېنۋېننىڭ دوستلار چەمبىرىكى. تور كەسمە رەسىمى

«ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر مال سېتىۋېلىشتىمۇ ناھايىتى ئاقىلانە، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلارغا ناھايىتى دوستانە، غەيرەت قىلايلى، ھامىنى ئۆتۈپ كېتىدۇ.» ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي ياشلار يولى مەھەللىسىدىكى پىدائىي لى ۋېنۋېن يېقىندا دوستلار چەمبىرىكىگە بىر ئۇچۇر تارقاتتى.

لى ۋېنۋېن ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا شۆبە مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر، بۇ قېتىمقى پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى تىلغا ئالغاندا، لى ۋېنۋېننىڭ ھەممىدىن بەك ھېس قىلغىنى شۇ بولدىكى، ئاھالىلەر ناھايىتى ئاقىلانىلىك بىلەن مال سېتىۋالدى، پىدائىيلارنىڭ خىزمىتىنىمۇ ئالاھىدە چۈشەندى.

ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي ياشلار يولى مەھەللىسىدىكى پىدائىي لى ۋېنۋېن مەھەللىدىكى ئاھالىلەرگە يېمەكلىك ۋە زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى. سۈرەتنى جەنۇبىي ياشلار يولى مەھەللىسى تەمىنلىگەن

نۇرئېلى ھەمدۇللا ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) لىيۈسەن يولى كوچا باشقارمىسى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى مەھەللىسىدىكى پىدائىي، بۇ يىل ئۇنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەزگىلىدە 3- قېتىم پىدائىي بولۇشى.


ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) لىيۈسەن يولى كوچا باشقارمىسى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى مەھەللىسىدىكى پىدائىي نۇرئېلى ھەمدۇللا تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر پىدائىيلارنىڭ خىزمىتىنى ناھايىتى چۈشىنىدۇ. تور كەسمە رەسىمى

«ئاھالىلەرنىڭ ئاڭلىقلىقى خېلى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، خېسۇەن تەكشۈرگەندە تەرتىپلىك بولدى، بىزنى مال ئەكىلىپ بېرىشكە سۈيلەيدىغانلارمۇ ناھايىتى ئاز». پىدائىيلىق مۇلازىمىتى قىلغان مەزگىلىدە، نۇرئېلىنىڭ ئەڭ چوڭ تەسىراتى ئاھالىلەرنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشى بولدى.

ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) لىيۇسەن يولى كوچا باشقارمىسى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى مەھەللىسىدىكى پىدائىي نۇرئېلى ھەمدۇللا مەھەللىنىڭ خېسۇەن تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ماسلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئاھالىلەرگە كېرەكلىك بۇيۇملارنى دەرھال يەتكۈزۈپ بەردى. سۈرەتنى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى مەھەللىسى تەمىنلىگەن

58 ياشلىق لى جيەنپىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى دىباڭ كوچا باشقارمىسى دۇڭسەن مەھەللىسى 1364- ئولتۇراق رايونىدىكى پېنسىيەگە چىققان خادىم، بۇ قېتىممۇ ئۇ ئاكتىپلىق بىلەن مەھەللە پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى. «بۇ مېنىڭ 3- قېتىم پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشىم، شۇنداقلا ئەڭ يېنىك ھېس قىلغان بىر قېتىملىقى، ھەممىسى ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ بىزگە بولغان چۈشىنىشى ۋە ئىشەنچىسىدىن بولغان.» دېدى لى جيەنپىڭ.