ئەگەر رونالدو 2018-يىلى خانلىق مادرىدتىن ئايرىلمىغان بولسا يەنە ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشەلەمتى؟

2022-07-25
来源:جىبوبا تورى

يېقىندىن بۇيان رونالدونىڭ يۆتكىلىش توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى كۆپچىلىك بەلكىم كۆرۈپ زېرىككەن بولۇشى مۇمكىن، ئەڭ دەسلەپتە رونالدو كوماندىدىن ئايرىلىش ئويىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن ئۆسەك خەۋىرى چىققان زەردار كوماندىلار ناھايىتى كۆپ بولغان، بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ زەردار كوماندىلار ئارقا-ئارقىدىن رونالدوغا قىزىقمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بولۇپمۇ بايرېن مىيۇنخېننىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر كۆپ قېتىم ئۆزىنىڭ پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن مېندېسنىڭ قەتئىي بوشاشماسلىق روھى ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ.

لېكىن قانچە بۇنداق بولغانسېرى، ئادەمنى شۇنچە ئېچىندۇرىدۇ. تەڭداشسىز «قوش شاھ»نىڭ بىرى بولغان رونالدونى ھازىر ھېچكىم قوشۇۋېلىشنى خالىمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى. ئەلۋەتتە، بۇ كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئۆزىنىڭ تەلىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇنىڭ كىچىك كوماندىلارغا بېرىپ توپ تېپىشى مۇمكىن ئەمەس، كىچىك كوماندىلارمۇ ئۇنىڭ مائاشىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ. لېكىن شۇنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، ياۋروپا پۇتبول سەھنىسىدىكى 37 ياشلىق رونالدونىڭ رىقابەت كۈچى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، 37 ياش بىر توپچىغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئوڭايسىز ياش، ئەگەر ئون يىل ئارقىغا چېكىنسە، كىرىستىيانو رونالدو چوقۇم ھازىرقىدىن كۆپ خاتىرجەم بولىدۇ. لېكىن راستىنى ئېيتقاندا، رونالدونىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ چېكىنىشى ھەرگىزمۇ يېقىنقى بىر-ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئىش ئەمەس. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، 2018-يىلى ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى يۇقىرى پەللىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

2018-يىلى 5-ئايدا، رونالدو خانلىق مادرىد بىلەن شۇ يىللاردىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن. خانلىق مادرىد ئۇدا ئۈچ قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى، كىرىستىيانو رونالدومۇ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە توپ كىرگۈزدى. لېكىن دەل شۇ چاغدا رونالدو خانلىق مادرىدتىن ئايرىلىپ يۇۋېنتۇسقا كەتكەن. كېيىنكى ئىككى پەسىلدە خانلىق مادرىد يەنە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە 16 كۈچلۈكتىن ئاشالمىدى. لېكىن ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىن قارىغاندا، خانلىق مادرىد يەنە بىر قېتىم كۈچلەندى. بېنزېمانىڭ ھالىتى ئىنتايىن قالتىس بولۇپ، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە قالتىس ئىپادسىىنى نامايەن قىلغان. ئەمەلىيەتتە، بېنزېمانىڭ بۇنداق ئىپادىسىنى كۆرگەن نۇرغۇن كىشىلەردە چوقۇم مۇنداق ئوي پەيدا بولىدۇ:«بۇ كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئەينى يىلى خانلىق مادرىدتا قىلغان ئىشلىرى ئەمەسمۇ؟»

ئويلاپ بېقىڭ، ئەگەر كرىستىيانو رونالدو ئەينى ۋاقىتتا خانلىق مادرىدتىن ئايرىلمىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ئىككى مۇسابىقە پەسلىدىكى پەسكويغا چۈشۈپ قېلىشنى باشتىن كەچۈرسىمۇ، لېكىن ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە يەنىلا باش كۆتۈرۈپ چىقالىشى مۇمكىن ئىدى.

ئالتۇن توپ مۇكاپاتى تىلغا ئېلىنسا، 2018-يىلىنى قايتىدىن سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. راستىنى ئېيتقاندا، شۇ پەسىل رونالدو ئىلگىرىكى بىر قانچە پەسىلدىكىدەك قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرالمىغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنى بولغان، شۇنداقلا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، شۇڭا ئۇمۇ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى تالىشىشتىكى كۈچلۈك رىقابەتچى ھېسابلىنىدۇ. بىراق شۇ يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتى مودرىچقا بېرىلگەن. قارىماققا، دۇنيا لوڭقىسىدىكى نەتىجىسى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ تەۋەلىكىنى بەلگىلەيدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ خانلىق مادرىد بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. مودرىچنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىدە خانلىق مادرىد مۇتلەق مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەگەر رونالدو يەنىلا خانلىق مادرىدتا بولغان بولسا، خانلىق مادرىد چوقۇم ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ چىقىراتتى. بۇنداق بولغاندا رونالدونىڭ 6-قېتىملىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىش پۇرسىتى مۇتلەق بولاتتى.

2018-يىلىنى كىرىستىيانو رونالدونىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ يەنە بىر يۇقىرى پەللىسى دېسەك، ئەمەلىيەتتە بۇنى ئالتۇن توپ مۇكاپاتى نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. خانلىق مادرىدتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، رونالدو ئالتۇن توپ مۇكاپاتىدىن بارغانسېرى يىراقلاپ كەتتى. ئەسلىدە ئۇنىڭ مېسسىدىن ئېشىپ كېتىش پۇرسىتى بار ئىدى، لېكىن 2018-يىلىدىكى بۇ ئەڭ ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى، ئارقىدىن مېسسى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ يەنە ئىككى قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە رونالدونىڭ ھازىرقى يېشى ۋە ھالىتىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئالتۇن توپ سانى جەھەتتە مېسسىغا يېتىشىۋېلىش پۇرسىتى ئەمدى يوق بولۇشى مۇمكىن.

شۇڭا، كىرىستىيانو رونالدونىڭ 2018-يىلى خانلىق مادرىدتىن ئايرىلىشى ئېنىقلا كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت ھېسابلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەينى چاغدىكى يۇۋېنتۇس ئەڭ مۇۋاپىق كېيىنكى كوماندىسى ئەمەس ئىدى. گەرچە ئالدىنقى بىر نەچچە مۇسابىقە پەسلىدە يۇۋېنتۇس ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئىنتايىن كۈچىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھالقىلىق يېرى شۇكى، دەل 2018-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە يۇۋېنتۇس چېكىنىشكە باشلىغان. رونالدو بىلەن بىرلىكتە سۈرئىتى تۆۋەنلەشكە باشلىغان زەردارغا كەلدى. بۇ خىل ئەھۋال ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە روشەن ئىپادىلىنىدۇ، يەنى يۇۋېنتۇس ئۇدا ئىككى پەسىل 16 كۈچلۈكتە توختاپ قالدى. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ رونالدو ئېرىشمەكچى بولغان نەتىجە ئەمەس. 16 كۈچلۈكتە توختاپ قېلىشى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى قاتنىشالايدىغان مۇسابىقە مەيدان سانىنىڭ زور دەرىجىدە ئازايغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇڭا، كىرىستىيانو رونالدونىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمىمۇ تەسىرگە ئۇچرىدى. ئەگەر خانلىق مادرىدتا قالسا بۇنداق بولمايتى.

2018-يىلىدىن ھازىرغىچە، رونالدونىڭ كەسپىي ھاياتىنى ئەگرى-توقايلىق ئىچىدە ئۆتتى دېيىشكە بولىدۇ، مۇھىمى ئۇ ئۆزىنىڭ ھالىتى بىلەن تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك ئىدى. ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە ئۇنىڭ توققۇز نەپەر سابىق سەپدىشى 5-قېتىملىق ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. ئەگەر خانلىق مادرىدتا قېلىپ قالغان بولسا، رونالدو ئۆزىنىڭ 6-قېتىملىق ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، گېنتو بىلەن تەڭلىشەلەيتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە كىرگۈزگەن ئومۇمىي توپ سانى ھازىرقى 140 توپتىن كۆپ بولۇشى مۇمكىن.

ئەلۋەتتە، كىرىستىيانو رونالدونىڭ 2018-يىلى خانلىق مادرىدتىن ئايرىلىشىنىڭ ئارقىسىدا ئىنتايىن كۆپ ئامىللار بار، ھەرگىزمۇ رىقابەت سەۋەبلىك ئەمەس. لېكىن نۇرغۇن تاللاشلار ئىچىدە رونالدونىڭ تاللىغان يولى بەلكىم ئەڭ ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن.