2022 - يىللىق «ئون مىڭلىغان كىشى شىنجاڭ ھەققىدە سۆزلەش» يۈرۈشلۈك تور باش تېمىلىق پائالىيىتى باشلاندى

ئەلكۈيى تورى
2022-07-25
来源:تىيانشان تورى

00352383300_077a74f2.jpgQQ20201127-0.gif



ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لياڭ لىخۇا، ھەبىبە، ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2022 - يىللىق «ئونمىڭلىغان كىشى شىنجاڭ ھەققىدە سۆزلەش» يۈرۈشلۈك تور باش تېمىلىق پائالىيىتى 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئۈرۈمچىدە باشلاندى، بۇ پائالىيەتكە مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى توردا تارقىتىش ئىدارىسى، تور جەمئىيەت خىزمىتى ئىدارىسى يېتەكچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، جۇڭگو گېزىتى تورى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى. مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نيۇ يىبىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  خې جۇڭيوۋ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، ئىقتىسادى تېز، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدى، سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يولىنى قۇرۇش تېزلىتىلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى گۈللىرى ھەممە يەردە پورەكلەپ ئېچىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى باياشات بولدى. تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋە جۇڭگولۇق، چەت ئەللىك تور داڭلىق شەخسلىرىنىڭ قولىدىكى قەلەم ۋە فوتو ئاپپارات ئارقىلىق دۇنياغا ھەقىقىي، ئوبيېكتىپ، گۈزەل شىنجاڭنى نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  نيۇ يىبىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ياخشى بايان قىلىش ۋە ئىزاھلاش، ياخشى يېشىپ چۈشەندۈرۈش كېرەك. شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئاممىنى كۆرگىلى بولىدىغان، تۇتقىلى بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر داۋامىدا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ دانا، توغرا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. دەۋرگە يېقىندىن ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن «خەلق كۆزلەنگەن، ئاممىباب بولغان، چىن ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرغان» بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك. توردا ئېنېرگىيە توپلاپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەش كېرەك. جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنى تۇتاشتۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، چەت ئەلدىكى تور ئەھلىگە ھەقىقىي، ھېس قىلغىلى بولىدىغان شىنجاڭنى نامايان قىلىش كېرەك.

  «ئونمىڭلىغان كىشى شىنجاڭ ھەققىدە سۆزلەش» توردا تارقىتىش پائالىيىتى باشلىنىشى بىلەن بىللە، يەنە «20 - قۇرۇلتاينى خۇشال كۈتۈۋېلىش تور داڭلىق شەخسلىرىنىڭ شىنجاڭ سەپىرى» دۆلەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتى، «2022 - يىلى جۇڭگودا ئۇچرىشىش» خەلقئارا تاراتقۇلار باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتى، ھەمدە «قىزىل بۇلۇت كۆرگەزمە زالى» شىنجاڭغا كىرىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك توردا تارقىتىش پائالىيىتىمۇ باشلاندى.

  ھازىرغىچە، 2021 - يىللىق «ئونمىڭلىغان كىشى شىنجاڭ ھەققىدە سۆزلەش» توردا تارقىتىش پائالىيىتىدە جەمئىي 1 مىليون 200 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق قىسقا سىن ئېلان قىلىنىپ، كۆرۈش قېتىم سانى 14 مىليارد قېتىمدىن ئېشىپ، ئون خىل تىلدا تارقىتىلىپ، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى تور ئەھلىنىڭ كەڭ ئالقىشلىشى، ئۇلاپ تارقىتىشى، باھا بېرىشىگە ئېرىشتى. بۇ قېتىمقى يۈرۈشلۈك پائالىيەت «ئونمىڭلىغان كىشى شىنجاڭ ھەققىدە سۆزلەش» توردا تارقىتىش پائالىيىتىنىڭ بېيىتىلىشى، چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى ۋە كېڭەيتىلىشى ھېسابلىنىدۇ.