قەلب ساداسى ناملىق كومىدىيەلىك تىياتىر ئەلكۈيىدە كۈندە بىر قىسىمدىن يېڭىلانماقتا

ئەلكۈيى تورى
2022-07-16
来源:ئەلكۈيى ئەپ دىتالى

جاۋ شى بىر توي مۇراسىمىدا ئۆزى ئوتتۇرا مەكتەپتە يوشۇرۇن كۆيۈپ يۈرگەن ئايپوننى ئۇچرىتىپ قېلىپ، كونا ئوتلار قايتىدىن يالقۇنجاشقا باشلايدۇ. ئۇ خىيالىدا ئەمدى كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلىپ جاناننىڭ ۋەسلىگە يېتەرمەن دەپ قۇچاق ئېچىپ تۇرغاندا يامان تەستەكتىن بىرى تېگىپ، ئۇنى رېئاللىققا قايتۇرۇپ كېلىدۇ. بىراق يۈزى داپتەك، يۈرىكى قاپتەك جاۋ شى ئۈچۈن يارنىڭ ئۇرغىنى سۆيگىنى ئەمەسمۇ. ئۇ ئايپوننى تاماققا تەكلىپ قىلغاندىن كېيىن ئەينى ۋاقىتتا ئايپون بىلەن ئۆتكۈزگەن شېرىن كۈنلەرنى ئەسكە ئالىدۇ، قىزىق يېرى، ئايپوننىڭ ئەسلىمىسى بۇ ئەخمەقنىڭكىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بولۇپ چىقىدۇ. ئىككەيلەندىن قايسىسىنىڭ ئەسلىمىسى ھەقىقىيدۇ؟ جاۋ شى ئاخىرىدا ئايپوننىڭ ۋەسلىگە يېتەلەرمۇ؟ تىياتىردىكى ئادەمنىڭ ئېسىدىن چىقمىغۇدەك كۈلكىلىك تەپسىلاتلارنى ئەلكۈيى ئەپ دىتالىنى يانفۇنىڭىزغا قاچىلاپ كۆرسىڭىز بۇلىدۇ


جاۋ شى بىر توي مۇراسىمىدا ئەينى يىللاردا ئوتىدا كۆيۈپ يۈرگەن گۈزەل قىز ئايپوننى ئۇچرىتىپ قالىدۇ. ئايپون ئۇنى كۆرۈپ ھۆرمەت يۈزىسىدىنلا مۇنداق كۈلۈمسىرىگەندە ئۇنىڭ «CPU»سىدىن گۈل ئېچىلىپ، ئۆچكەن ئوتلار قايتىدىن لاۋۇلدايدۇ. ئۇ ئۆزىچە ئايپوننى ئۆزىنىمۇ ياخشى كۆرىدىغۇ دەپ قۇچىقىنى ئاچقاندا بىر شېرىن تەستەك ئۇنىڭ قېلىن مەڭزىگە تېگىدۇ. بۇ تەستەكنى نېمىشقا «شېرىن» دەيمىز؟ ئەلۋەتتە، جاناننىڭ تىللىغىنى كۆيگىنى، ئۇرغىنى سۆيگىنى ئەمەسمۇ.

بۇيەرنى بېسىپلا كۆرۈڭ

ئىككەيلەن ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىنى ئەسلىشىپ، جاۋ شىنىڭ تەستەك تەگكەن مەڭزىدە مۇھەببەتلىك كۈلكە پەيدا بولىدۇ. تۆۋەندىكىسى ئىككەيلەننىڭ ئەسلىمىسى:

جاۋ شى: بىر كۈنى ئۇ ئاپىسى تىكىپ بەرگەن پېچەت مەكتەپ فورمىسىنى كىيىپ، سىنىپقا ئاقسا قەدەملەر بىلەن كىرىپ كەلگەندە پۈتۈن قىزلارنىڭ يۈرىكىگە ئوت تۇتىشىپ، ئايپونمۇ ئۇنىڭغا قارىغىنىچە تاتلىققىنە كۈلۈمسىرەيدۇ.

ئايپون: بىر كۈنى جاۋ شى سىنىپقا ناھايىتى نېپىز رەختتىن تىكىلگەن مەكتەپ فورمىسىنى كىيىپ، ئاجايىپ كۈلكىلىك قەدەملەر بىلەن كىرىپ كېلىدۇ. مۇئەللىم دەرستە كېيىن قالغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ھەممەيلەنگە بىردىن دوست بۆلۈپ بەرگەچكە، ئايپونغا جاۋ شى چىقىپ قېلىپ ئاچچىقىدا بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قارايدۇ.


جاۋ شى: جاۋ شى تۇرۇبا يېنىدا تەرلەپ كېتىپ كۆڭلىكىنىڭ ئالدىنى ئېچىۋەتكەندە ئايپون ئۇنىڭ سەككىز پارچە قىقاس مۇسكۇللىرىنى كۆرۈپ، تاتلىققىنە كۈلۈمسىرىگىنىچە ئۇنىڭغا بىر تال شاكىلات بېرىدۇ.

ئايپون: كۆڭلەكتىن كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاۋاق بەدەننى كۆرگەن ئايپوننىڭ جاۋ شىغا ئىچىپ ئاغرىپ، بىر تال شاكىلات سۇنىدۇ.

جاۋ شى: يامغۇرلۇق بىر كۈنى جاۋ شى كۈنلۈكىنى ئاچالماي ھەپىلىشىپ تۇرغاندا ئايپون پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭغا كۈنلۈكىنى تۇتقۇزىدۇ.

تەپسىلاتلارنى ئەلكۈيى ئەپ دىتالىنى يانفۇنىڭىزغا قاچىلاپ كۆرسىڭىز بۇلىدۇ

ئايپون: ئەسلىدە جاۋ شىنىڭ نېپىز مەكتەپ فورمىسى يامغۇردا ھۆل بولۇپ، ئىچىدىكى جابدۇقلىرىنىڭ ھەممىسى مانا مەن كۆرۈنۈپ قالغاچقا ئايپون يۈگۈرۈپ بېرىپ كۈنلۈكى بىلەن ئۇنىڭ كەينىنى توسۇپ تۇرىدۇ، بىراق جاۋ شى بىر ئ‍ېڭىشىشى بىلەنلا....ۋاي ئانىمەي، مەن نېمىنى كۆردۈم، بېرىپ كۆزۈمنى يۇيۇپ كېلەي...

تەپسىلاتلارنى ئەلكۈيى ئەپ دىتالىنى يانفۇنىڭىزغا قاچىلاپ كۆرسىڭىز بۇلىدۇ

يۇقىرىقى ئىككى خىل ئەسلىمىدىن زادى قايسىسى رېئاللىقتۇ؟ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە قانداق قىزىقارلىق ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە قىزىقسىڭىز ئەلكۈيى ئەپ دىتالىنى يانفۇنىڭىزغا قاچىلاپ كۆرسىڭىز بۇلىدۇ