تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بۇ يىل يازدا مانچېستېر بىرلەشمىسى چولپىنى رونالدونىڭ يۆتكىلىش خەۋىرى تارقالدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇنىڭ ۋاستىچىسى مېندېس رونالدونى ياۋروپادىكى بىر قانچە زەردار كوماندىغا تەۋسىيە قىلغان. لېكىن، ھازىرغىچە ھېچقانداق كوماندا كىرىستىيانو رونالدو بىلەن بىرلىككە كېلەلمىگەن بولۇپ، گېرمانىيە تاراتقۇسى «سۈرەت گېزىتى» كىرىستىيانو رونالدونىڭ يۆتكىلىش ئىشىنىڭ تەس بولۇشىدىكى سەۋەبنى تەھلىل قىلىپ چىققان.
«سۈرەت گېزىتى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغىچە ھېچقانداق كوماندا كىرىستىيانو رونالدو بىلەن توختام ئىمزالاشنى خالىمىغان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىكەن. رونالدونىڭ ئەمەلىي كۈچىدىن گۇمانلىنىش ھاجەتسىز، رونالدو كەسپىي ھاياتىدا سانسىزلىغان توپلارنى كىرگۈزگەن، بەش قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا دۆلەت كوماندىسىنى يېتەكلەپ ياۋروپا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. 37 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، رونالدو دائىم مۇسابىقىلەردە ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك ئىپادىسىنى نامايەن قىلىدۇ. ئۆتكەن بۇ مۇسابىقە پەسلىدە رونالدو مانچېستېر بىرلەشمىسى ئۈچۈن 24 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، كوماندا ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى ھېسابلىنىدۇ. ۋاستىچى مېندېس رونالدونى بىر قانچە كوماندىغا تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ، بىراق ھەممىسى رەت قىلىنغان.
رونالدو ئىلگىرى بايرېن مىيۇنخېن بىلەن باغلىنىپ قالغان، بىراق بايرېن مىيۇنخىن كۆپ قېتىم رونالدونى رەت قىلغان. بايرىن مىيۇنخېن مۇدىرىيەت رەئىسى كاھىن ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېدى:«مەن رونالدونى ناھايىتى ھۆرمەتلەيمەن، لېكىن ئۇ يۆتكىلىش بىزنىڭ ئىدىيىمىزگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.» ئۇنىڭدىن باشقا فىرانسىيە تاراتقۇسى «پارىژلىقلار گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رونالدومۇ پارىژ سانت گېرمانغا تەۋسىيە قىلىنغان، لېكىن پارىژ سانت گېرماندا رونالدوغا قالغۇدەك مۇۋاپىق ئورۇن يوق ئىكەن. ئۇنداقتا رونالدونىڭ ئەمەلىي كۈچى شۇنچە كۈچلۈك تۇرسا، باشقا كوماندىلار نېمە ئۈچۈن رونالدونى قوشۇۋېلىشنى رەت قىلىدۇ؟
1. تەلەپ بەك يۇقىرى
رونالدو 2003-يىلى مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلغاندىن بۇيان، ئۇدا 19 پەسىل ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتناشقان. چۈنكى مانچېستېر بىرلەشمىسى يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىدى، بۇمۇ كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئايرىلماقچى بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. كىرىستىيانو رونالدو ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە رىقابەت كۈچىگە ئىگە كوماندىغا قوشۇلۇشنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا كېيىنكى تاللاش ئىمكانىيىتى تېخىمۇ چەكلىك بولىدۇ.
2. يېشى بەك چوڭ
رونالدو 37 ياشقا كىرىپ، كەسپىي ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا قەدەم قويدى. «سۈرەت گېزىتى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە كىرىستىيانو رونالدو ئىنتايىن تەلەپچان بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەسىنى داۋاملىق ساقلاشنى ئۈمىد قىلسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنە قانچىلىك ۋاقىت توپ تېپەلەيدۇ؟ كۆپ ساندىكى كوماندىلار توپچى قوشۇۋېلىشنى ئويلاشقاندا، يېشىنى مۇھىم ئامىل قىلىپ، كەلگۈسى ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشنى تېخىمۇ خالايدۇ. گەرچە رونالدونىڭ ئەمەلىي كۈچى بولسىمۇ، لېكىن يېشى بەك چوڭ، ئاخىرىقى كەلگۈسى ئېنىق ئەمەس ئەمەس.
3. مائاشى بەك يۇقىرى
ئەگەر رونالدونى قوشۇۋالماقچى بولسا، خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇنىڭ يۆتكىلىش سوممىسى 15 مىليون ياۋرو ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، بۇنداق باھادا رونالدونى قوشۇۋېلىش ناھايىتى مۇۋاپىق، بىراق مەسىلە شۇكى، رونالدونىڭ يىللىق مائاشى يۇقىرى. گەرچە كىرىستىيانو رونالدو ھازىر مانچېستېر بىرلەشمىسىدە يۇۋېنتۇسقا سېلىشتۇرغاندا يىللىق مائاشى بەلگىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ يۇقىرى مائاشلىق توپچىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ناپولى ئىلگىرى كىرىستىيانو رونالدو بىلەن باغلىنىپ قالغان بولۇپ، لېكىن ناپولى كىرىستىيانو رونالدونىڭ يۇقىرى مائاشىنى بېرەلمىگەن. «سۈرەت گېزىتى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، نېۋكاستلنىڭ كىرىستىيانو رونالدو بىلەن توختام ئىمزالىغۇدەك مالىيە كۈچى بار ئىكەن. بىراق نېۋكاستىل يېڭى پەسىلدە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمايدۇ، بۇمۇ رونالدونىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
4. مەيداندىكى ئورنى جانلىق ئەمەس
ياش ۋاقتىدا رونالدو ھۇجۇم سېپىدىكى بىر قانچە ئورۇننى ئوينىيالايتى، بىراق ھازىر رونالدو كۆپىنچە 9-نومۇرلۇق ئورۇندا پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى قايسى كوماندىنىڭ 9-نومۇرلۇق ئورۇنغا ئېھتىياجى بار؟ ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بارسېلونا بايرېن مىيۇنخېننىڭ ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى لېۋاندوۋىسكىنى قوغلىشىۋاتقان بولۇپ، پارىژ سانت گېرمان ياش ھۇجۇمچى ئېكىتىكقا تېخىمۇ ئامراق ئىكەن، گەرچە بايرېن مىيۇنخېن لېۋاندوۋىسكىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشىغا تەييارلىق قىلماقچى بولسىمۇ، لېكىن بايرېن مىيۇنخېن كۆپ پۇل سەرپ قىلىپ مۇداپىئە سېپىنى كۈچلەندۈرۈشنى بەكرەك خالايدىكەن، شۇڭا پارىژ سانت گېرماننىڭ ھازىرقى قوشۇۋېلىش نىشانى يۇۋېنتۇس بېكى دېلىگت ئىكەن. كىرىستىيانو رونالدومۇ چېلسى بىلەن باغلىنىپ قالغان، لېكىن ئەنگلىيە تاراتقۇسى «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، چېلسى باش ترېنېرى تۇخېل كىرىستىيانو رونالدو سەۋەبلىك كوماندىنىڭ ھۇجۇم سىستېمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشنى خالىمايدىكەن.