ئۈرۈمچىدىن ئىلىدىكى تۆت ناھىيەگە يېڭىدىن تۆت ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس لىنىيەسى ئېچىلدى
ئۈرۈمچىدىن ئىلىدىكى تۆت ناھىيەگە يېڭىدىن تۆت ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس لىنىيىسى ئېچىلدى. لىنىيە ئۈرۈمچى شەھىرى ئەنيۈنجيې يولۇچى توشۇش بېكىتى (ئەسلىدىكى 1-ئاۋغۇست يولۇچى توشۇش بېكىتى) دىن يولغا چىقىپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى، تېكەس ناھىيەسى، توققۇزتارا ناھىيەسى، كۈنەس ناھىيەسىگە بارىدۇ، ھەر كۈنى ئىككى نۆۋەت قاتنايدۇ، سائەت 19 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئاپتوبۇس يولغا چىقىدۇ.
6-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەنيۈنجيې يولۇچى توشۇش بېكىتىدە، خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغىلى كەلگەن يولۇچىلارنىڭ ئاپتوبۇس كۈتۈش زالىغا تەرتىپلىك كىرىپ بېلەت سېتىۋالغانلىقى، ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئاپتوبۇس قوزغىلىش رايونىدا، ئۇزۇن يوللۇق نۆۋەتچى ئاپتوبۇس دېزىنفېكسىيە قىلىش، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملاپ، يولغا چىقىشنى كۈتۈپ تۇراتتى.
«ئۇزۇن يوللۇق پويىزدا بىر ئۇخلىۋېلىپ، ئەتىسى ئەتىگەندە ئۆيگە يېتىپ كەلدىم، ناھايىتى قولايلىقكەن» دېدى شەھەر ئاھالىسى جاۋ شىنيۈەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ يىللىق دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگە بېرىپ ئاتا-ئانىسىنى يوقلايدىكەن، نۇرغۇن خىزمەتداشلىرى ۋە دوستلىرىنىڭ كېلەر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە نۆۋەتچى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگە بېرىپ ساياھەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەنيۈنجيې يولۇچى توشۇش بېكىتىنىڭ باشلىقى ما تيەنلۇڭ مۇنداق دېدى: دائىملىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتىدە، يولۇچى توشۇش بېكىتى ئەسلىدىكى شىخەنزە شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرى، سانجى شەھىرى، قۇتۇبى ناھىيەسى قاتارلىق 18 لىنىيە ئاساسىدا، بۇ تۆت ئۇزۇن يوللۇق لىنىيەنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، يولۇچىلارنىڭ ئائىلە يوقلاش، ساياھەت قىلىش قاتارلىق ئېھتىياجىنى قاندۇردى.
نۆۋەتتە، يولۇچىلار شەھەرلىك ئەنيۈنجيې يولۇچى توشۇش بېكىتىنىڭ بېلەت سېتىش زالىغا بېرىپ بېلەت سېتىۋالسا بولىدۇ، شۇنداقلا «سەپەر 365» Appياكى ئۈندىداردا بېلەت سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ. ما تيەنلۇڭنىڭ دېيىشىچە، كېيىنكى مەزگىلدە، ئۇلار يولۇچىلار ئېقىمىغا ئاساسەن ھەر ۋاقىت نۆۋەت قېتىم سانىنى كۆپەيتىدۇ.