مۇكاپاتقا مۇكاپات قۇشۇلۇپ، گۈلگە گۈل كەلتۈرگەندەك ئىش بولدى

ئەلكۈيى تورى
2022-06-22
来源:ئەلكۈيى تورى

پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىقئويۇنى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان، سانجى ئوبلاستىنىڭ لاتارىيە بازىرىدا ئارقا-ئارقىدىن لاتارىيە سېتىۋېلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، مۇكاپات كەينىەينىدىن تارقىتىلدى، لاتارىيەچى دوستلارنىڭ بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىدە تەلىيى ھەقىقەتەن ياخشى بولدى! نۇرغۇن لاتارىيەچى دوستلار خۇشاللىق ۋە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى، فۇكاڭ شەھىرىدىكى لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندىۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بۇ ئامەتلىك لاتارىيەچى دوستلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى.

ئىگىلىنىشىچە، ۋاڭ ئەپەندى نوپۇزلۇق لاتارىيەچى بولۇپ، بوش ۋاقىتلىرىدا پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش تور نۇقتىسىدا نومۇر تارقىلىش خەرىتىسىنى تەتقىقات قىلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن. 6 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، ۋاڭ ئەپەندى 65452303 پاراۋانلىق لاتارىيە تور نۇقتىسىغا كېلىپ «شادلىق 8» ئويۇنى ئوينىدى، نومۇرنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىنى كۆزەتكەندىن كېيىن، ئۇ 09، 19، 29، 39، 79 نومۇرنى دەنما قىلىپ تاللاپ، ئېشىپ قالغان نومۇرنى توۋما قىلىپ، «ئالتىنى تاللاش» ئۇسۇلى بويىچە «دەن بەش چۈەن تو» لاتارىيە بېلىتىگە دو تىكتى. شۇ كۈنى كەچتە «شادلىق 8» ئويۇنى مۇكاپات ئېچىلدى، ۋاڭ ئەپەندى تاقەتسىزلىك بىلەن لاتارىيە بېلىتىنى چىقىرىپ نومۇرنى سېلىشتۇرۇپ، ئۆزى تاللىغان بۇ بەش تال دەنمانىڭ تولۇق چىققانلىقىنى بايقىدى. دەل «شادلىق 8» مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىگە توغرا كەلگەچكە، ۋاڭ ئەپەندى ئادەتتىكى مۇكاپاتتىن 46800 يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى، مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتى سەۋەبلىك 30000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 76800 يۈەن بولدى!

6 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، ۋاڭ ئەپەندى سانجى پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىدە مۇكاپات ئالغاندا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«شادلىق 8 ئويۇنى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى ھەقىقەتەن بەك قالتىس ئىكەن، مول مۇكاپات ئۈستىگە يەنە مول مۇكاپات قۇشۇلدى، گۈلگە گۈل كەلتۈرگەندەك ئىش بولدى، ناھايىتى خۇشال بولدۇم!»-دېدى.

(سانجى   شىفۇرېن)