فۇكاڭ شەھىرىدىكى لاتارىيەچى 366863 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-05-27
来源:ئەلكۈيى تورى

لاتارىيەدە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشىشتە، نۇمۇر تاللاش ئۇسۇللىرى ئوخشىمايدۇ! ئۇزۇن مەزگىل نومۇر ساقلىغانلار، بىر نومۇردا نەچچە يىل ساقلىغانلار، تارقىلىش خەرىتىسىگە قاراپ ئۆزى مۇكاپات چىقىش ئېھتىماللىقى چوڭ دەپ قارىغان نومۇرلارنى تاللىغانلار، لاتارىيەچىلەرنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن نومۇر تاللىغانلار، ئاپتوماتىك نومۇر تاللاپ ئامەت كەلگەنلەر، قىسقىسى لاتارىيەچىلەرنىڭ نومۇر تاللاش ئۇسۇللىرى ھەرخىل ھەم سەرخىل.

5 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى كەچتە، «قوش رەڭلىك توپ» 2022053 ـ قارارلىق مۇكاپات ئېچىلدى، سانجى ئوبلاستى فۇكاڭ شەھىرى ۋېنبو يولى قۇياش نۇرى سۇ قىرغىقى ئولتۇراق رايونىدىكى 65230193 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتتىكى سەيمىن بەش دو يەككە بىلەتكە تايىنىپ، «قوش رەڭلىك توپ» 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 366863 يۈەن بولدى.

پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى لۇ خانىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن سەيمىن ليۇ ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بۇ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى كونا سەيمىن بولۇپ، بۇ بىر نەچچە يىلدا ئىزچىل لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن، بىر نەچچە قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئارقىلىق، ئۇ ئاستا-ئاستا لاتارىيە سېتىۋېلىشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلغان بولۇپمۇ «قوش رەڭلىك توپ» غا بولغان مۇھەببىتى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان، ئۇنىڭ لاتارىيە سېتىۋالىدىغان ئادىتى بار بۇلۇپ، قىزىل رايوندا ئىككى نومۇرنى تاللىغاندىن كېيىن ئاندىن ئاپتوماتىك نومۇر تاللاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ قېتىم نومۇر ساقلايدۇ، بەزىدە ئالدىنقى قېتىملىق دو تىكىش نومۇرى ئاساسىدا ئازراق تەڭشەپ ئاندىن دو تىكىدۇ. ليۇ ئەپەندىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئازراق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تۈمەن قېتىملاپ ئۆزگەرتىشنى كۆتىۋالغىلى بۇلىدۇ!

12-چېسلا چۈشتىن كېيىن، ليۇ ئەپەندى بىكار بولۇپ قالغاندىن كېيىن ئادەت بويىچە پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالغان. ئۇ تارقىلىش خەرىتىسىنى تەپسىلىي تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، قىزىل توپ 10 ۋە 23 دىن ئىبارەت بۇ ئىككى نومۇرنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى قاراردا دو تىككەن بەش دو نومۇرى ئاساسىدا، ھەر بىر دودا ئىككى قىزىل توپ نومۇرىنى ئۆچۈرۈپ، بۇ قاراردا ياخشى كۆرۈپ قالغان 10 ۋە 23 دېگەن ئىككى نومۇرنى قوشۇپ، يېڭى بەش دو يەككە نومۇرىنى بىرىكتۈرۈپ، دو تىكىش ئېلىپ بارغان. ئۇ پەقەت تەلىيىنى سىناپ بېقىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات چىققان، تەلىيىگە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، مۇكاپات سوممىسى 360 مىڭ يۈەندىن ئاشقان.

ليۇ ئەپەندى مۇكاپات ئالغاندا، گەرچە بىر نومۇر خاتالىق سەۋەبىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئىزچىل چىڭ تۇرغانلىقى سەۋەبىدىن مۇشۇنداق ياخشى تەلەينىڭ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ۇكاڭ شىفۇرېن)