2022-يىلى يېڭىدىن مەھەللە مەخسۇس خىزمەتچىسى قوبۇل قىلىش ئىش ئورنىنىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئېچىۋېتىلدى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 7-كۈنى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىشىپ «2022-يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ شەھەر-يېزا مەھەللىلىرىگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، پىرىنسىپ جەھەتتىن 2022-يىلى مەھەللەرگە يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنىدىغان بارلىق مەخسۇس ۋەزىپىدىكى خادىملارنىڭ ئىش ئورنىنى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئېچىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.
ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر شەھەر-يېزا مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە شەھەر-يېزا مەھەللە مۇلازىمەت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ مۇھىم مەنبەسى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شەھەر-يېزا مەھەللىلىرىگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش شەھەر-يېزا مەھەللە خىزمىتى قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار ئىلمىي تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىش ئاساسىدا، مەھەللىلەرگە مەخسۇس ۋەزىپىدىكى خىزمەتچىلەرنى يىللىق تەكلىپ قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ، پىرىنسىپ جەھەتتىن 2022-يىلىدىكى يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنىدىغان بارلىق ئىش ئورنىنىڭ ھەممىسىنى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئېچىۋەتكەندىن سىرت، كۆپرەك ئىش ئورنىغا مەخسۇس ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىشقا ئىلھام بېرىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن جايلاردىكى يېزا-بازار، كوچا، ئىجتىمائىي خىزمەت پونكىتلىرىنىڭ قاپلاش نىسبىتىنى %50 كە يەتكۈزۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى يېزا-بازار، كوچا، ئىجتىمائىي خىزمەت پونكىتلىرىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك.
ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى:
مەھەللىلەردە كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك تەربىيەلەش، ئائىلە مۇلازىمىتى، غوجىلىق، ساغلاملىق قاتارلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاپپاراتلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئالاقىدار ئاپپاراتلاردىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قارىتا، مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىككى يىل ئىچىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلار بىلەن بىر يىلدىن ئارتۇق ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان ھەم ئۇلار ئۈچۈن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغان بولسا، بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان يىللىقتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلغان ھەم بىر يىلدىن ئارتۇق ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا بىر قېتىمدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ، سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇش مۇددىتى 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار شەھەر-يېزا مەھەللە مۇلازىمەت ساھەسىدە ئىگىلىك تىكلىسە، بەلگىلىمە بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىش، بىر قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلى بېرىش، ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.