بۇ 2022-يىلى سانجى ئوبلاستى فاڭساۋخۇ كۆلىدىكى شياۋليۇغا نىسبەتەن ھەقىقەتەن ئامەت كەلگەن بىر يىل! 3-ئايدا شياۋليۇ «شادلىق 8» ئويۇنى ئويناپ، بەشنى تاللاش ئوسۇلى دەن تۆت چۈەنتو بويىچە دو تىكىپ، تۆت دەنما تۇلۇق چىقتى، مۇكاپات سوممىسى 17260 يۈەن بولدى؛ 4-ئايدا شىياۋليۇ يەنە «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىدا ئون مىڭ يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان 4 ـ ئايدا، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى بۇلىۋاتقان ئىدى، بىڭتۈەنلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ بىلەن ئالدىراش ئىدى، شياۋليۇمۇ كۆپچىلىككە ئوخشاش ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئىدى، لېكىن قانچىلىك ئالدىراش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ يەنىلا ئادىتى بويىچە ۋاقىت چىقىرىپ ياخشى كۆرىدىغان «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالاتتى. 4 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شياۋليۇ ئېتىز ئىشلىرىنى تۈگىتىپ، فاڭساۋخۇ 3 ـ مەيدانىدىكى 65452339 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، ئۇ مال ساتقۇچى خادىم لاۋ جياڭ بىلەن نومۇرنىڭ تارقىلىشىنى تەھلىل قىلىپ بولغاندىن كېيىن، قەتئىي ئىشەنچ بىلەن كۆك توپ نومۇر «12» نى بېكىتىپ، يەنە ئون دانە قىزىل توپ نومۇرىنى تاللاپ، بىر دانە 10 + 1 قايتىلانما لاتارىيە بىلىتىگە دو تىكتى. 12-چېسلا كەچقۇرۇن، شياۋليۇ يەنە بىر قېتىم 65452339 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ يەنە بىر دانە « قوش رەڭلىك توپ» قايتىلانما لاتارىيە بىلىتىگە دو تىكتى، 16 دانە كۆك توپنىڭ ھەممىسىنى تاللىدى، قىزىل توپتىن سەككىزنى تاللىدى. «مەن ئۆزۈم ناھايىتى ياخشى ھېس قىلغان نومۇردىن سەككىزنى قىزىل توپ قىلىپ بېكىتتىم، كۆك توپ ئۈستىدە خېلى ئۇزاق باش قاتۇردۇم، مال ساتقۇچى لاۋ جياڭ مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغاندەك، ماڭا كۆك توپنى تولۇق تاللاشنى تەۋسىيە قىلدى، بۇنداق بولغاندا مەخسۇس قىزىل توپقا قارىساقلا بولىدۇ، كۆك توپنى ئويلاشمىساقمۇ بولىدۇ»ـــ دېدى شياۋليۇ. شۇنىڭ بىلەن شياۋليۇ بىر پەس ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، لاۋ جياڭنىڭ تەكلىپىنى ئويلاپ، بىراقلا 8 + 16 قايتىلانما لاتارىيە بىلىتىگە دو تىكتى.
13-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، لاۋجياڭ سائەت 9دىن ئاشقاندا تىجارەت باشلىدى، بىردەمدىن كېيىن شياۋليۇنىڭ ئالدىراپ-تېنەپ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىلىپ، ھاياجانلانغان ھالدا دو تىككەن ئىككى تال قايتىلانما لاتارىيە بېلەتنى چىقارغانلىقىنى كۆردى، «لاۋجياڭ، دەرھال قاراپ بېقىڭ، بۇ ئىككى بېلەتتە مۇكاپات چىقىپتۇ!»-دېدى، لاۋ جياڭ تەمتىرىمەي سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، دو تىكىش ماشىنىسىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بىر پارچە لاتارىيە بىلىتىدىن 5 دو ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىققان، 50 دو تۆتىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىققان، 100 دو بەشىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىققان، 55 دو ئالتىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىققان، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 26275 يۈەن بولغان؛ يەنە بىر پارچە لاتارىيە بىلىتىدىن 3 دو ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىققان، 60 دو تۆتىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىققان، 235 دو بەشىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىققان، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 23350 يۈەن بولغان. لاۋجىياڭ شىياۋليۇنى مۇبارەكلىدى ۋە:«يارايسىز ، شىياۋليۇ، ئىككى پارچە لاتارىيە بىلىتىدىن كاتتا مۇكاپاتلار چىقىپتۇ، جەمئىي 50 مىڭ يۈەنگە يىقىن مۇكاپاتقا ئېرىشىپسىز!»-دېدى.
1 ـ نومۇرنىڭ پەرقى ۋە 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن، ساتقۇچى لاۋجياڭ بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى شياۋليۇ ئىككىسى ناھايىتى ئەپسۇسلانغان بۇلۇپ، كەيپىياتى بىر ئاز چۈشكۈن ئىدى، ئەمما شياۋليۇ ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كەلدى ۋە:« قانداقلا بولمىسۇن، مەن بۇ يىل يەنىلا مول ھوسۇل ئالدىم، پاراۋانلىق لاتارىيەگە كۆپ رەھمەت، بۇنىڭدىن كىيىن پاراۋانلىق لاتارىيەنى داۋاملىق قوللايمەن!»-دېدى،
(قۇتۇبى ۋاڭلۇ)