پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىق 8» ئويۇنى يەنە كاتتا سوۋغات ئېلىپ كەلدى

ئەلكۈيى تورى
2022-05-14
来源:ئەلكۈيى تورى

پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىقئويۇنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەرنى ئەزەلدىن ئۈمىدسىزلەندۈرگىنى يوق. مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى يەنە باشلاندى! كەڭ لاتارىيە ئەھلىنىڭ پ پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىقئويۇنىنى قوللىغانلىقى ۋە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزى «شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ 2022130-قارار (5-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچىلىدۇ) دىن باشلاپ، مەملىكەت مىقياسىدا مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇدا 40 قارار مۇكاپات تارقىتىدۇ، مۇكاپات تارقىتىش ئومۇمىي سوممىسى 520 مىليون يۈەن !

بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىدە لاتارىيەچىلەرگە ئۈچ «كاتتا سوۋغات» تەييارلانغان بولۇپ، ئۇلار ئالاھىدە ئويناش ئۇسۇلى مۇكاپاتى، «ئوننى تاللاپ ئون چىقىش» ئالاھىدە مۇكاپاتى، «توققۇزنى تاللاپ توققۇز چىقىش» ئالاھىدە مۇكاپاتى.

ئالاھىدە ئويناش ئۇسۇلى مۇكاپاتىدا 1 نى تاللاش، 2 نى تاللاش، 5 نى تاللاش، 6 نى تاللاش، 9 نى تاللاش، 10 نى تاللاش بويىچە قىسمەن مۇكاپات تارقىتىلىدۇ، مۇكاپات سوممىسى تەخمىنەن 388 مىليون يۈەن. بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى مەزگىلىدە، «بىرنى تاللاش» ئويناش ئۇسۇلى بويىچە يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 4.6 يۈەندىن 5 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ، «ئىككىنى تاللاش» ئويناش ئۇسۇلى بويىچە يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 19 يۈەندىن 23 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ، «بەشنى تاللاش» ئويناش ئۇسۇلى «بەشنى تاللاپ بەش چىقىش» مۇكاپاتى قاتارلىقلار يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 1000 يۈەندىن 1400 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ، «ئالتىنى تاللاش» ئويناش ئۇسۇلى « ئالتىنى تاللاپ ئالتە چىقىش» مۇكاپاتى قاتارلىقلار يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 3000 يۈەندىن 5000 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ، «توققۇزنى تاللاش» ئويناش ئۇسۇلى «توققۇزنى تاللاپ نۆل چىقىش» مۇكاپاتى قاتارلىقلار يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 2 يۈەندىن 4 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ، «ئوننى تاللاش» ئويناش ئۇسۇلى « ئوننى تاللاپ نۆل چىقىش» مۇكاپاتى قاتارلىقلار يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 2 يۈەندىن 4 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

ئەگەر ئالاھىدە ئويناش ئۇسۇلى مۇكاپات ئومۇمىي سوممىسى 388 مىليون يۈەنگە يەتسە ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە، كېيىنكى قاراردىن باشلاپ ئالاھىدە ئويناش ئۇسۇلى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىنى توختىلىتىدۇ؛ ئەگەر ئالاھىدە ئويناش ئۇسۇلى مۇكاپات ئومۇمىي سوممىسى 388 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتسە، يېتىشمىگەن قىسمىنى شادلىق 8 ئويۇنى تەڭشەش فوندى تولۇقلاپ بېرىدۇ.

«ئوننى تاللاپ ئون چىقىش» ئالاھىدە مۇكاپاتى، مۇكاپات سوممىسى 120 مىليون يۈەن. ھەر بىر قارار 5 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، شۇ قاراردىكى «ئوننى تاللاش» ئۇسۇلى «ئوننى تاللاپ ئون چىقىش» مۇكاپات سانى بويىچە تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ، «ئوننى تاللاپ ئون چىقىش» ئالاھىدە مۇكاپاتى يەككە دو مۇكاپات سوممىسى يۇقىرى بولغاندا 5 مىليون يۈەن بىلەن چەكلىنىدۇ؛ شۇ قاراردا «ئوننى تاللاپ ئون چىقىش» مۇكاپاتى چىقمىسا، «ئوننى تاللاپ ئون چىقىش» ئالاھىدە مۇكاپات پۇلى كېيىنكى باسقۇچقا يۆتكىلىدۇ. ھەر بىر قارار «ئوننى تاللاپ ئون چىقىش» ئالاھىدە مۇكاپات پۇلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بەش مىليون يۈەن بىلەن چەكلىنىدۇ. مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە تاكى « ئوننى تاللاپ ئون چىقىش » ئالاھىدە مۇكاپات پۇلى تارقىتىلىپ بولغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. « ئالاھىدە مۇكاپات» نىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى مەزگىلىدە « ئوننى تاللاپ ئون چىقىش» تا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 10 مىليون يۈەن مۇكاپات چىقىدۇ.

«توققۇزنى تاللاپ توققۇز چىقىش» ئالاھىدە مۇكاپاتى، مۇكاپات سوممىسى 12 مىليون يۈەن. ھەر قارار 300 مىڭ يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، شۇ قاراردىكى «توققۇزنى تاللاش» ئۇسۇلى « توققۇزنى تاللاپ توققۇز چىقىش » مۇكاپاتى قاتارلىقلار مۇكاپات سانى بويىچە تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ، « توققۇزنى تاللاپ توققۇز چىقىش» ئالاھىدە مۇكاپاتى يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 300 مىڭ يۈەن بىلەن چەكلىنىدۇ؛ شۇ قاراردىكى « توققۇزنى تاللاپ توققۇز چىقىش» مۇكاپاتى چىقمىسا ياكى « توققۇزنى تاللاپ توققۇز چىقىش » ئالاھىدە مۇكاپاتى مۇكاپات كۆلچىكىدە قالدۇق بولسا، كېيىنكى باسقۇچتىكى « توققۇزنى تاللاپ توققۇز چىقىش» مۇكاپات پۇلىغا قوشۇپ بېرىلىدۇ. مۇشۇ تەرتىپ بويىچە تاكى «توققۇزنى تاللاپ توققۇز چىقىش » ئالاھىدە مۇكاپات پۇلى تارقىتىلىپ بولغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. «ئالاھىدە مۇكاپات» نىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى مەزگىلىدە « توققۇزنى تاللاپ توققۇز چىقىش» تا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 600 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقىدۇ.

«شادلىق 8» ئويۇنى 2021 ـ يىلى شىنجاڭ رايونىدا بازارغا سېلىنىپ سېتىلغاندىن بۇيان، ئويناش ئۇسۇلى مول، قىزىقىشى قويۇق، مۇكاپات پۇلى ئەمەلىي بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە تايىنىپ، تېز سۈرئەتتە ھەر مىللەت لاتارىيەچىلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، شىنجاڭ لاتارىيە بازىرىدىكى «چولپان ئويۇن» غا ئايلاندى. 2021 ـ يىلى، شىنجاڭ رايونىدا «شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ پۈتۈن يىللىق سېتىلىش مىقدارى 893 مىليون يۈەنگە يەتتى، توپلانغان كۆپچىلىك پاراۋانلىق فوندى 268 مىليون يۈەنگە يەتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ 2021 ـ يىلىدىكى «شادلىق» تە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نەتىجىلىرىمۇ مەملىكەت بويىچە ھەيران قالارلىق بولۇپ، جەمئىي 5 مىليون يۈەندىن ئارتۇق (ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) چوڭ مۇكاپات 6 دو چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ دو مۇكاپات «شادلىق 8» ئويۇنى 280 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى مەزگىلىدە چىققان، مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتىنىڭ تۈرتكىسىدە ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسى 10 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭدىن «شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ ئاجايىپ سېھرىي كۈچىنى، شۇنداقلا شىنجاڭلىق لاتارىيەچىلەرنىڭ «شادلىق 8» ئويۇنىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ! ئىشىنىمەنكى، بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى كەڭ لاتارىيەچىلەرگە تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ!