چارۋىچى يىگىت 250 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-04-25
来源:ئەلكۈيى تورى

3- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى گەنگۇ يېزىسى 65015033 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر كەلدى، بۇ پونكىتتىكى بىر قازاق لاتارىيەچى « 66 شۈن، 88 ڧا» باش مۇكاپاتى 250000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 4 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى سەھەردە، تەلەيلىك لاتارىيەچى ئامان ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىردى ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشىش خۇشاللىقىنى قىلچە يوشۇرماي، كۆپچىلىك بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشىش ھېكايىسىدىن ئورتاق بەھرىلەندى.

ئامان بىر چارۋىچى بولۇپ، ئادەتتە چارۋا باقاتتى، يېزىدا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى ئاماننىڭ مەنىسىز تۇرمۇشىغا نۇرغۇن خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى، بوش ۋاقىتلىرىدا ئۇ بىرقانچە پارچە لاتارىيە سېتىۋېلىپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى. 23-مارت چۈشتىن كېيىن، ئامان يەنە 65015033 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ ئۆزىنىڭ «ئاددىي خۇشاللىقى» نى ئىزدىدى، لاتارىيەچى دوستلار «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ ئەمدىلا ئايرىلغانلىقىنى كۆردى، ئۈستەلدە يەنە بىر نەچچە پارچە « 66 شۈن، 88 ڧا» لاتارىيە بېلىتى ئېشىپ قالغان ئىدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئىككى پارچە سېتىۋېلىپ سىناپ باقتى، تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ 10 يۈەن مۇكاپات چىقتى. ئارقىدىنلا ئۇ يەنە ئىككى پارچە ئالدى، ئۇياقتىنۇياققا بەش، ئالتە پارچە قىردى، تاكى مۇكاپات پۇلى تولۇق تۈگۈگەنگە قەدەر ئامان يەنىلا پۇخادىن چىقمىدى، شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر پارچە « 66 شۈن، 88 ڧا» لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالدى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا خۇشاللىق يۈز بەردى، «ئېچىش رايونى» دا «66» پەيدا بولغانلىقىنى كۆردى، ئاستىدا 250 مىڭ يۈەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئامان داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى، تاكى ساتقۇچى جياڭ ھەدە ھاياجانلانغان ھالدا: « چىقىپتۇ، مۇكاپات چىقىپتۇ، مۇبارەك بولسۇن! »-دەپ توۋلىغاندا ئۇ ئاندىن بۇ ئىشقا ئىشەندى. پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچىلەر دوستلارنىڭ ھەممىسى دەرھال كىلىپ ئاماننى مۇبارەكلەشتى، كۆزنى يۇمۇپ ـ ئاچقۇچە پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى تىقما ـ تىقما بولۇپ كەتتى، كۈلكە ـ چاقچاقلار پۈتۈن پونكىتى ئىچىنى قاپلىدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى سىز بىر پارچە، مەن بىر پارچىدىن لاتارىيە بىلىتى قىرىشقا باشلىدى!

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئامان خۇشال بولغان ھالدا: «بەك ياخشى بولدى! پەقەت ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ، بىزنىڭ تاغلىق رايونغا نىسبەتەن بۇ ناھايىتى كۆپ پۇل ھېسابلىنىدۇ، ئەتىياز كەلدى مەن بۇ پۇلغا قوزا سېتىۋېلىپ بېقىپ مال-چارۋىلارنى تېخىمۇ كۆپەيتىمەن. كېيىن يەنە داۋاملىق پاراۋانلىق لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالىمەن، يەنە مۇكاپاتقا ئېرىشىشتەك ياخشى تەلەينىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!»دېدى.

ۈرۈمچى سۇيياڭ)