لاتارىيەچى ئالاھىدە نۇمۇر تاللاش ماھارىتى بىلەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-04-21
来源:ئەلكۈيى تورى

لاتارىيەچى شۈ ئەپەندى 3 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئىشقا چۈشۈپلا، قومۇل شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى. شۈ ئەپەندى سېتىۋالغان ئىككى پارچە 3D ئويۇنى لاتارىيە بىلىتىدىن كاتتا مۇكاپات چىققان بۇلۇپ، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 166400 يۈەن بولغان.

ئاددىي پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، شۈ ئەپەندىنىڭ نومۇر تاللاش تەجرىبىسى مول بولغان «پىشقەدەم لاتارىيەچى » ئىكەنلىكى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، بوش ۋاقتى بولسىلا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا نومۇر تاللاشنى تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ لاتارىيەدە تەلىيىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى، كامالەتكە يەتكەن نومۇر تاللاش ماھارىتىگە تايىنىپ، ئاز بولمىغان چوڭ-كىچىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۇق.

شۈ ئەپەندىنىڭ ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش نومۇر تاللاش ئۇسۇلى بار بولۇپ، ئالدى بىلەن نومۇرنىڭ تارقىلىشىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ ۋە قىممىتى بېكىتىلىدۇ، ئاندىن نومۇر تاللاش دائىرىسىنى كىچىكلىتىپ، تاق تاللاش ئۇسۇلى بىلەن دو تىكىلىدۇ. 3D ئويۇنى 2022055-قارار نومۇر تارقىلىشىنى تەتقىق قىلغاندا، شۈ ئەپەندى ئاخىرى خانىسى 0 بولغان نۇمۇرلار باشتا سوغۇق نۇمۇر بۇلۇپ كىيىن قىززىق نۇمۇر بولغانلىقىنى بايقىدى، ئىنچىكە ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق، 20 نىڭ قىممىتى بولغان تاللاش نومۇرى 794 نى تاللاپ، ئالدى بىلەن 20 ھەسسىلىك يەككە تاللاش بويىچە دو تىكتى. يەنە بىر ئاز كۆزەتكەندىن كىيىن، قارىغانسېرى بۇ نومۇرنىڭ ناھايىتى ياخشىلىقىنى ھېس قىلدى، ۋە يەنە داۋاملىق 140 ھەسسە يەككە تاللاش بويىچە دو تىكتى، جەمئىي 160 ھەسسە يەككە تاللاش بويىچە دو تىكتى.

شۇ كۈنى كەچتە 3D ئويۇنى 2022055-قارار مۇكاپات نومۇرى 794 قىلىپ بېكىتىلدى، شۈ ئەپەندى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دو تىككەن 160 ھەسسىلىك يەككە نومۇر 794 دا مۇكاپات چىقتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 166400 يۈەن بولدى.

ـــ «كىچىك ئويناش ئۇسۇلى ئوخشاشلا چوڭ خۇشاللىق پەيدا قىلىدۇ!» ـــ بۇ سۆز شۈ ئەپەندىنىڭ ۋۇجۇدىدا مۇكەممەل نامايان بولدى.