لاتارىيەچى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنىدا 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-04-20
来源:ئەلكۈيى تورى

65312601 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى يەكەن ناھىيەسىدىكى تىرانسپورت شىركىتى بىناسىنىڭ ئاستىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھايىتى ئاۋات ئىدى، ھەر كۈنى نۇرغۇن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغۇچىلار نومۇر تاللايتتى، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالاتتى، بۇ يەر دائىم كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان خۇشاللىقلار بۇلۇپ تۇراتتى، شۇڭا بۇ يەرنى «مۇكاپات ماكانى» دېيىشكە بولاتتى.

2 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، لاتارىيەچى ئەزىز ئۈچۈن ئېيتقاندا ئالاھىدە بىر كۈن بولدى، پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىۋېلىپ كىلىۋاتقىنىغا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئۇ تۇنجى قېتىملىق 10 مىڭ يۈەنلىك ئامەتنى كۈتۈۋالدى. ئەزىزنىڭ ئۆيى 65312601 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا ئانچە يىراق ئەمەس بۇلۇپ، ئۇ ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ كېتىدۇ. 2-ئاينىڭ 26- كۈنى، ئەزىر ئەپەندى ئادەتتىكىگە ئوخشاش پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، بىر نەچچە لاتارىيەچى دوستلارنىڭ «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى ئويناۋاتقانلىقىنى كۆردى، ۋە بىردىنلا قىزىقىپ قالدى، شۇنداقلا تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بولدى. ئۇ « شادلىق Party» دېگەن بۇ بېلەتنىڭ ئۇسلۇبىنىڭ شوخ، تېتىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، بىر نەچچە پارچە سېتىۋېلىپ سىناپ باقماقچى بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئىككى پارچە لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالدى. بىرىنچى پارچىسىنى قىرىشى بىلەنلا، ئېزىز « 10000» دېگەن ساننى كۆردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈستىدىكى بەلگە بىلەن «مۇكاپاتقا ئېرىشىش بەلگىسى» بىلەن ئوخشاش بولۇپ چىقتى، ئۇ بېلەتنى ئېلىپ ھاياجانلانغان ھالدا ساتقۇچىغا: « مۇكاپات چىقتى! 10 مىڭ يۈەن! » دېدى.

مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، ئەزىز خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«بۇ بىر يىلدىن بۇيان، كىچىك مۇكاپاتقا خېلى كۆپ ئېرىشتىم، لېكىن بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشىم، بەك خۇشال بولدۇم! مەن بۇ خىل تۇيغۇنى ياخشى كۆرىمەن.»-دېدى.