ئامەتلىك لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندى 34 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-04-19
来源:ئەلكۈيى تورى

فۇكاڭ شەھىرىدىكى ليۇ ئەپەندى بىلەن ۋاڭ ئەپەندى يېقىن دوستلاردىن بۇلۇپ ئىلگىرى بىرلىكتە لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالاتتى. ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتى سەۋەبىدىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككىسىنىڭ ئالاقىسى بىر قەدەر ئاز بۇلۇپ بولدى. 2- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتە، ليۇ ئەپەندى كوچىدا يېقىن دوستى ۋاڭ ئەپەندى بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالىدى، شۇنىڭ بىلەن دوستلار ئىككىيلەن قول ئېلىشىپ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى، ئاندىن بىر ئاشخانا تېپىپ تاماق يەپ ئۆتمۈشنى ئەسلەشتى.

ليۇ ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بارىدىغان ۋاقىت ئاز بۇلۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى، ۋاڭ ئەپەندىممۇ ئۆزىنىڭ خىزمەت ئالدىراشچىلىق سەۋەبلىك لاتارىيەنى ناھايىتى ئاز سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئىككەيلەن بىر-بىرىگە قاراپ كۈلۈشتى، ۋە بىرلىكتە يېقىن ئەتراپتىكى 65230138 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرگەندىن كېيىن، ليۇ ئەپەندى يۆلىنىش ئىسخېمىسىنى كۆرۈپ، 300 نەچچە يۈەنلىك 3D ئويۇنى، «قوش رەڭلىك توپ» ۋە «شادلىق 8» غا دو تىكتى. ۋاڭ ئەپەندى يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان «شادلىق 8» ئويۇنىنى كۆرۈپ، ناھايىتى قىزىقارلىق ھېس قىلدى، مال ساتقۇچى لى خانىمنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئاستىدا بۇ ئويۇننىڭ ئويناش ئۇسۇلىنى تەخمىنەن چۈشەندى، ئارقىدىن خالىغانچە 03، 12، 56، 78 دىن ئىبارەت تۆت ساننى تاللاپ چىقتى، لېكىن قانداق دو تىكىشنى بىلەلمىدى. ۋاڭ ئەپەندى بېشى قاتقان چاغدا، ليۇ ئەپەندى ئاغىنە توردا ئالقىشقا ئېرىشكەن دو تىكىش ئۇسۇلىنى يەنى بەشنى تاللاش ئۇسۇلىنى دەن تۆت چۈەنتو بويىچە دو تىكەيلى، سىزدە 300 يۈەن بار، ئىككى ھەسسە دو تىكسىڭىز بۇلىدۇ»-دېدى. ۋاڭ ئەپەندى بۇنى ئاڭلاپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىپ: ـــ « مۇشۇنداق ئويناش ئۇسۇلىمۇ بار، قارىغاندا مەن لاتارىيە سېتىۋالمىغىلى بەك ئۇزۇن بوپتۇ، مەن سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلايمەن. مال ساتقۇچى، ئاغىنەمنىڭ دېگىنى بويىچە سېتىۋالاي»-دېدى، ۋاڭ ئەپەندى خۇشاللىق بىلەن 304 يۈەن تۆلەپ، يېقىن دوستى ليۇ ئەپەندىنى قۇچاقلاپ كېتىپ قالدى.

ۋاقىت خۇددى شۇنداق تىز ئۆتتى، بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، ۋاڭ ئەپەندى ليۇ ئەپەندىنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشىشېرىشەلمەسلىك توغرىسىدا سۆزلەشكەندە، ۋاڭ ئەپەندى ئاندىن ھېلىقى «شادلىق 8» لاتارىيە بېلىتىنى ئېسىگە ئالدى ھەمدە ليۇ ئەپەندىگە ۋاقتى بولسىلا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ سېلىشتۇرۇپ بېقىشقا ۋەدە بەردى. ئامەت ئۈن ـ تىنسىز يېتىپ كەلدى، ۋاڭ ئەپەندى سېتىۋالغان لاتارىيە بېلىتىدىن مۇكاپات چىقتى، قانداق مۇكاپات چىققانلىقىنى ۋاڭ ئەپەندى ئۆزىمۇ ئېنىق دەپ بېرەلمىدى، پەقەت 30 نەچچە مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى، سانجى پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈدىغانلىقىنى بىلەتتى.

3 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، ۋاڭ ئەپەندى سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپات ئالدى، ئۇ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ ئىمزا قويغاندا، قولى ئىزچىل تىترەپ كەتتى، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىسمىنىمۇ قىڭغىر ـ سىڭغىر يېزىپ، ئۆزىنىڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىگە زادىلا ئىشەنگۈسى كەلمىدى، مۇكاپات سوممىسى 34 مىڭ يۈەندىن ئاشاتتى. «يېقىن دوستۇم ليۇ ئەپەندىمگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇ ھەقىقەتەن مېنىڭ بەخت يۇلتۇزۇم، بۇنىڭدىن كېيىن مەن ۋاقىت چىقىرىپ دوستلىرىم بىلەن كۆپرەك كۆرۈشۈپ، كۆپرەك جەم بولۇپ، لاتارىيە بېلىتى تەتقىق قىلىمەن ــ دېدى ۋاڭ ئەپەندى.