ئامەتلىك لاتارىيەچى مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-04-14
来源:ئەلكۈيى تورى

    باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلىپ، بارچە مەۋجۇدات ئويغاندى ! 2022 ـ يىل 4 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، «شادلىق 8» ئويۇنى 2022092-قاراردا خۇشاللىق بار بولدى، مەملىكەت بويىچە ئالتە دو «ئوندىن ئوننى تاللاش» مۇكاپاتى چىقتى، يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 5 مىليون يۈەن بولدى. بۇ كاتتا مۇكاپاتلارغا شىنجاڭدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچىلەر ئېرىشتى، بۇ مۇكاپاتلار ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 65010254 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتدىن چىقتى. 4 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى سەھەردە، تەلەيلىك لاتارىيەچى يۈ ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە كەلدى، ۋە ئۆزىگە تەۋە بولغان 30.48 مىليون يۈەن مۇكاپاتنى ئېلىپ كەتتى.

65010254 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يۈ ئەپەندى كونا پىشقەدەم لاتارىيەچى بۇلۇپ، ئىزچىل لاتارىيە سېتىۋېلىشنى بېسىمنى تۈگىتىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى قىلغان. 2021-يىلى، يۈ ئەپەندى «شادلىق 8» ئويۇنى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، بۇ خىل ئويناش ئۇسۇلى كۆپ خىل، لەززىتى يۇقىرى بولغان ئويۇن ئۇنى جەلپ قىلدى، شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ قايىتلانما دو تىكىشنى ياقتۇرۇپ قالغان ۋە شۇنداقلا دائىم مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ تۇرغان، بۇ قېتىم ئۇ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بۇ يەنىلا تەكرار دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللانغان ئىدى. شۇ كۈنى، يۈ ئەپەندى «ئوندىن ئوننى تاللاش» ئويناش ئۇسۇلىغا ئالتە ھەسسە 11 نومۇرلۇق قايتىلانما دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللانغان، بۇ لاتارىيەدە 6 دو «ئوندىن ئوننى تاللاش» مۇكاپاتى چىققاندىن باشقا، يەنە 60 دو « ئوندىن توققۇزنى تاللاش» مۇكاپاتى چىققان، مۇكاپات سوممىسى جەمئى 30.48 مىليون يۈەن بولغان. يۈ ئەپەندىنىڭ بۇنداق كاتتا ئامىتى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ، تەلەي   كەلگەندە تۇسۇپ قالغىلى بولمايدۇ!


بۇ قېتىمقى دەرىجىدىن تاشقىرى كاتتا مۇكاپات بارلىققا كەلگەن جاي ــ 65010254 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى بولۇپ، ئىسمى جىسمىغا لايىق «كاتتا مۇكاپات بەخت ماكانى» دېيىشكە بولىدۇ. مال ساتقۇچى ما يىڭخۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ پونكىتتا 2019 ـ يىلى «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتى 6.27 مىليون يۈەن مۇكاپات چققان. بۇ قېتىم 30.48 مىليون يۈەنلىك دەرىجىدىن تاشقىرى مۇكاپات چىقتى! ــ دېدى ما يىڭخۇڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئەسلىدە، ئەينى يىلى ما يىڭخۇڭنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنىدا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىققاندىن كېيىن، يېقىن ئەتراپتىكى لاتارىيەچىلەر چەمبىرىكىدە زور ئىنكاس قوزغىغان، بۇ قېتىمقى 30.48 مىليون يۈەنلىك دەرىجىدىن تاشقىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى يۈ ئەپەندى ئەينى چاغدا بۇ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا « بەخت» ئىزدەپ كېلىپ لاتارىيە سېتىۋالغان، ئويلىمىغان يەردىن بۇ « يېقىنلىشىش» سەۋەبلىك تېخىمۇ زور ئامەتكە ئېرىشكەن.

ـــ«نېمە قىلساق شۇنى توۋلىشىمىز كېرەك! مېنىڭ ئەتراپىمنىڭ ھەممىسى ئولتۇراق رايون، جۇغراپىيەلىك ئورنى ئۈستۈن ئەمەس، ئىشنى ياخشى قىلىمەن دەيدىكەنمەن كەسپىي ساپانى ئۆستۈرۈش كېرەك.»-دېدى ما يىڭخۇڭ. ئۇ لاتارىيەچىلەرگە «شادلىق 8» ئويۇنىنى تېز سۈرئەتتە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ھەر كۈنى لاتارىيەچىلەرگە تەپسىلىي چۈشەندۈردى، لاتارىيەچىلەرگە ئەقىل كۆرسەتتى. ھەر قېتىم لاتارىيەچىلەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەندە، ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتىنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ، كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىدۇ ھەمدە قىسقىچە باھا بېرىپ، بىر-ئىككى ئېغىز سۆز قىلىدۇ، بۇ ئاددىي ھەم چۈشىنىشلىك بولىدۇ. بىر يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن لاتارىيەچىلەر « شادلىق 8» ئويۇنىغا قىزىقىپ قالدى، بىر نەچچە قېتىم سىناپ باققاندىن كېيىن، تەمىنى تېتىپ، ئاستا-ئاستا ھېس قىلىشقا باشلىدى. يۈ ئەپەندى مانا مۇشۇنداق «شادلىق 8» گە مەپتۇن بولۇپ، چۈشىنىشكە ۋە سىناپ بېقىشقا باشلىغان،  ئارقىدىنلا 30.48 مىليون يۈەنلىك دەرىجىدىن تاشقىرى ئامەت بىلەن باغلىنىپ قالىدى.

شىنجاڭ لاتارىيە بازىرىدىكى ئون مىليون يۈەنلىك «شادلىق 8» دەرىجىدىن تاشقىرى كاتتا مۇكاپات رېكورتى ئۈرۈمچى لاتارىيەچىلىرى ئېرىشكەن ئىدى. 2021 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى 65015050 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى دىڭ ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم ) ئەينى چاغدىكى «شادلىق 8) ئويۇنى 280 مىليون يۈەنلىك مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، بىر قېتىمدىلا 20 مىليون يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ، جۇڭگو لاتارىيە بازىرىنى زىلزىلىگە سېلىپ، شىنجاڭنىڭ «شادلىق 8» ئويۇنىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن «ئەڭ يۇقىرى پەللە» گە ئايلانغان. كىشىنىڭ خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگىنى شۇكى، توققۇز ئاي ئىچىدىلا لاتارىيەچىلەر بۇ «ئەڭ يۇقىرى پەللە» نى ھالقىپ كەتتى، يەنىلا ئۈرۈمچىدىكى لاتارىيەچى 30.48 مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، شىنجاڭ لاتارىيە بازىرىدىكى « شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ «يېڭى يۇقىرى پەللىسى» بولۇپ قالدى!

مىليون دەرىجىلىك كاتتا مۇكاپاتنىڭ ئارقا ـ ئارقىدىن چىقىشى «شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى مەستانىلىرىنى شىددەت بىلەن كۆپەيتتى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەرنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشتەك ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلدى! «شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ كەڭ لاتارىيەچىلەرگە تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق، تېخىمۇ كۆپ بەخت ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

(ئۈرۈمچى جاڭ مىن)