مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى: ھاياجانلىق يۈرەك، تىترەپ تۇرغان قول

ئەلكۈيى تورى
2022-04-11
来源:ئەلكۈيى تورى

3 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى كەچتە، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى يەتتە نۇمۇر شادلىقى 七乐彩» ئويۇنى 2022030-قارار مۇكاپات ئېچىلدى، شۇ قاراردىكى مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر 1 دو بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ئۈرۈمچىدىن چىقتى، يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 5 مىليون يۈەن بولغان، بۇ كاتتا مۇكاپات ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 65010228 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن چىققان بولۇپ، مۇكاپات چىققان لاتارىيە بىلىتى بولسا 10 يۈەنلىك 5 دو يەككە نۇمۇر لاتارىيە بىلىتى.

3 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنىگە كەلگەندە، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى جاۋ ئەپەندى ئۆزى يالغۇز شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىردى.جاۋ ئەپەندى:« قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنى پۈتۈن زېھنى بىلەن تەتقىق قىلىپمۇ، ئېرىشكەن مۇكاپات ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 200 يۈەندىن ئاشمىغان ئىدى، خالىغانچە بىر پارچە "يەتتە نۇمۇر شادلىقىى" لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، تەلەيگە بىر نېمە دېمەك تەس ئىكەن!»-دېدى.

جاۋ ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۆزىنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىپ كىلىۋاتقىنىغا ئون نەچچە يىل بولغان بولۇپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىكەن، «قوش رەڭلىك توپ» ، «چىلېسەي» ، « 3D» ، «شادلىق 8» قاتارلىقلار ئويۇنلارنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن. 3- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتە، جاۋ ئەپەندى 65010228 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، ئادەتتىكىگە ئوخشاش شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچىلىدىغان «شادلىقۋە« چىلېسەي» لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالدى، «قوش رەڭلىك توپ» دىن باشقا ئويۇنلارغا ئۇ ھەر قېتىمدا ئون يۈەن خەجلەپ ئاپتوماتىك نۇمۇر تاللاپ دو تىكىدىغان بۇلۇپ، جىق چىقىم قىلمايتتى.

شۇ كۈنى كەچتە جاۋ ئەپەندى ئۆزى سېتىۋالغان لاتارىيە ئويۇنىنىڭ مۇكاپات نەتىجىسىگە دىققەت قىلمىغان، بەلكى ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۇ يەنە پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا پونكىت ئىچىدىكى خۇشاللىق گېزىتىنى كۆرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئاخشام دو تىككەن «چىلېسەي» نى تېخى سېلىشتۇرۇلمىغانلىقى ئېسىگە كەلگەن. «ئەينى چاغدا مەنمۇ لاتارىيە بېلىتى ئالمىغاچقا، "قوش رەڭلىك توپ" غا دو تىكىپ بولغاندىن كېيىن، باشقا ئىش قىلمايلا ئۇدۇل ئۆيگە قايتتىم.»-دېدى جاۋ ئەپەندى، 25-چېسلاغا كەلگەندە، جاۋ ئەپەندى تورغا چىقىپ ئالدىنقى كۈندىكى «قوش رەڭلىك توپ» نىڭ مۇكاپات نومۇرىنى تەكشۈرگەندە، «چىلېسەي» ئويۇنى مۇكاپات نۇمۇرىنىمۇ بىرگە تەكشۈردى، تەكشۈرۋېتىپ ئۇ ھەيران قالدى! جاۋ ئەپەندى:«ماڭا مۇكاپات چىقىپتۇ! بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات! "يەتتە نۇمۇر شادلىقى" ئويۇنى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، بۇ قېتىم مەن ھەقىقەتەن چوڭ تەلەيگە ئۇچرىدىم!»-دېدى.

جاۋ ئەپەندىدىن 5 مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كىيىن قانداق ھېسسىياتتا بولغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ پەقەت «ھاياجانلىق يۈرەك، تىترەپ تۇرغان قول» دېگەن بىرلا ئېغىز سۆز بىلەن جاۋاب بەردى. جاۋ ئەپەندى ئۆزىنىڭ 5 مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ ئائىلىسىدىكىلەرگە بۇ خۇشخەۋەرنى يەتكۈزگەن، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ناھايىتى خۇشال بولغان، ئۇ مۇكاپات پۇلىنىڭ بىر قىسمىنى تۇرمۇشنى ياخشىلاشقا، بىر قىسمىنى كەسىپكە سېلىشقا ئىشلىتىشنى پىلانلىغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى، ياخشى ئامەتنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۈرۈمچى جاڭ مىن)