پىشقەدەم لاتارىيەچى تاڭ ئەپەندى 936112 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-04-08
来源:ئەلكۈيى تورى

3 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى كەچتە، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ «قوش رەڭلىك توپ» 2022034 ـ قارار مۇكاپات ئېچىلدى، شۇ قاراردا مەملىكەت بويىچە جەمئىي 9 دو 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپات ۋە 49 دو 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپات تارقىتىلدى، شىنجاڭ رايونىدا جەمئىي 4 دو 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپات تارقىتىلدى، سانجى شەھىرى گۇچۇڭ ناھىيەسى 65230239 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇشخەۋەر كەلدى، بىر لاتارىيەچى 28 يۈەن بىلەن 2 دو «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 936112 يۈەن بولدى. ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن ئامەتلىك لاتارىيەچى تاڭ ئەپەندى شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇكاپات نەخلەشتۈرۈش ئورنىغا بېرىپ، ئۇدۇللا مۇنداق دېدى: » بۇنداق چوڭ مۇكاپاتنى تاكى قۇلۇمغا ئالغاندا ئاندىن كۆڭلۈم خاتىرجەم بۇلىدۇ.

مۇكاپات ئالىدىغان چاغدا، تاڭ ئەپەندى خىزمەتچى خادىملارغا، ئۆزىنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى پېشقەدەم لاتارىيەچى ئىكەنلىكىنى، ھەر بىر قاراردا 65230239 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى پېشقەدەم لاتارىيەچىلەر بىلەن مۇھاكىمە قىلغاندىن كېيىن دو تىكىدىغانلىقىنى، كۆپچىلىكنىڭ مۇكاپات چىقىش ياكى چىقماسلىقنى بەك مۇھىم بىلىپ كەتمەيدىغانلىقى ، ئامەتكە قارايدىغانلىقىنى، ئىلگىرى ئىزچىل نومۇرغا ئەگەشكەنلىكىنى، ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت ئەگەشكەندىن كېيىن، مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، يەنە ھەر بىر قاراردا نومۇر تاللاشنى باشلىغانلىقىنى، بەزىدە خالىغانچە تاللاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، بەزىدە سىزىمگە تايىنىپ نۇمۇر تاللايدىغانلىقىنى، يەنە بەزىدە قايسى نومۇر كۆزگە چېلىقسا شۇ نۇمۇرنى تاللايدىغانلىقىنى ئېيتتى! « قوش رەڭلىك توپ» دىن باشقا، ئۇ يەنە پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنىنى ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ.

تاڭ ئەپەندى مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن ھاياجانلىنىپ تاققا-تۇققا سۆزلەپ كەتتى ھەمدە يەنە خۇرسىنغان ھالدا: « مۇكاپات قولىمىزغا تەگسە، قەلبىمىز ئەمىن تاپىدۇ! لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشتا ئۈچ ئۈلۈش پېشانىگە قارايمىز يەتتە ئۈلۈش تەلەيگە قارايمىز! ئۆزىمنىڭ ھەر بىر قېتىملىق دو تىكىش ۋە بەرداشلىق بەرگىنىگە رەھمەت، ئەگەر لاتارىيە سېتىۋالمىغان بولسام مۇكاپات چىقمايتتى، سېتىۋالغاندىن كىيىن مۇكاپات چىقىش پۇرسىتى بولىدۇ.»-دېدى، تاڭ ئەپەندى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنى ئۇ داۋاملىق ئوينايدىغانلىقى، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قاتنىشىشىنى، ھەممە كىشىنىڭ كۆپچىلىك پاراۋانلىقى قىلىشىنى، ھەممە كىشىنىڭ مېھىرەپقەت يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۇچۇڭدىكى سۈن زۇڭرېن)