لاتارىيەچى : بۇ ياخشى تەلەينىڭ بىر يىل داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

ئەلكۈيى تورى
2022-03-25
来源:ئەلكۈيى تورى

2 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، 3D ئويۇنى 2022030 ـ قارار مۇكاپات ئېچىلدى، مۇكاپات نومۇرى «561» بولدى، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ 65310284 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى ئابدۇ كاتتا مۇكاپاتنى كۈتىۋالدى.

شۇ كۈنى، ئابدۇ 65310284 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، 3D ئويۇن نومۇرىنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىنى كۆزەتكەندىن كېيىن، « 129، 630، 561، 181، 816» دىن ئىبارەت بەش دو نومۇرىنى تاللاپ، ھەرقايسىسىغا 30 ھەسسىدىن يەككە شەكىلدە دو تىكتى. نەتىجىدە مۇكاپات نومۇرى ئۆزى تاللىغان نومۇردا بولۇپ، ئابدۇ 31200 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئابدۇلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئۇيۇنىنىڭ كونا لاتارىيەچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيى 65310284 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا ئانچە يىراق بولمىغان مەيدان خۇايۈەن ئولتۇراق رايونىدا ئىكەن، شۇڭا ئۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتلىرىنى ئايلىنىپ، 3D ئويۇنى ئوينايدىكەن. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئابدۇ مال ساتقۇچى بىلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدى، ئىككىيلەن دائىم پاراۋانلىق لاتارىيە توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، ئۆزئارا تەجرىبە تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى، ئابدۇ مۇكاپاتقا ئېرىشسىلا، مال ساتقۇچى ھەمىشە بىرىنچى بولۇپ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ خۇش خەۋەر يەتكۈزدى.

قەشقەر پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپات ئالغاندىن كېيىن، ئابدۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئويلىمىغان يەردىن 2022 ـ يىلى ئەمدىلا باشلانغاندا، تەلىيىم ئوڭدىن كەلدى، تەلىيىمنىڭ بىر يىل داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!