بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ پىدائىيلىرى ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە كىلىپ، ياشانغانلارغا ھەمراھ بولۇپ ئۇلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى تېخىمۇ رەڭدار قىلىدى.
«چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، چوڭلارنى سۆيۈش، چوڭلارغا ياردەم بېرىش» جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى، ئەجدادلار ۋارىسلىق قىلغان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق. يېقىندا، بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزىنىڭ پىدائىيلىرى ئالما، بانان قاتارلىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، كورلا شەھەرلىك كەچكى قۇياش نۇرى ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە كېلىپ، ياشانغانلارنى يوقلىدى.
كورلا شەھىرى كەچكى شەپەق ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ مەسئۇلى جاڭ خانىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ كۆلىمى 5000 كىۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 3100 كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. نۆۋەتتە، ساناتورىيەدە 15 سېسترا 85 ياشانغان كىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەسئۇل بولۇپ، بۇ ياشانغانلار ئىچىدە يېشى ئەڭ چوڭى 93 ياشتا ئىكەن.
ئەركىن ئازادە ساغلاملىق گىمناستىكىسى مۇزىكا رېتىمىغا ئەگىشىپ، ياشانغانلار روھى كۆتۈرەڭگۈ ھالدا ئۇسسۇل ئويناپ، ياشانغانلارنىڭ ئۆزگىچە سالاپىتىنى نامايەن قىلدى. پىدائىيلار بوۋاينىڭ گىمناستىكا ئوينىغاندىكى روھىي ھالىتىدىن تەسىرلىنىپ، قىزغىنلىق بىلەن ياشانغانلارغا ئەگىشىپ ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئوينىدى. ساغلاملىق گىمناستىكىسىنى ئويناپ بولغاندىن كېيىن، بەزى پىدائىيلار ھەرقايسى قەۋەتلەردىكى ئۆيلەرگە كىرىپ، ياشانغانلار بىلەن مۇڭداشتى، چاقچاقلاشتى، كۈتۈنۈش بىلىملىرىنى سۆزلىدى، ياشانغانلارغا كۈلكە ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلدى؛ بەزى پىدائىيلار ياشانغانلارغا ياردەملىشىپ ئىچكى ئىشلارنى رەتلەپ، تازىلىق قىلدى؛ بەزى پىدائىيلار ياشانغانلار بىلەن پاراڭلاشتى، ياشانغانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئاڭلىدى، ياشانغانلار بىلەن بىرلىكتە كەلگۈسىگە تەلپۈندى. كۈلكە سادالىرى كەچكى شەپەق نۇرى ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ ياتاق بىناسىدا پەرۋاز قىلماقتا!
ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتۈپ، پىدائىيلار ياشانغانلارغا توپتوغرا بىر چۈشتىن بۇرۇن ھەمراھ بولۇپ، ياشانغانلارنى ناھايىتى تەسىرلەندۈردى. ھەمراھ بولۇش ئاخىرلاشقاندا بىر ـ بىرلەپ ۋىدالاشتى، ئۇلارنىڭ نەزەرىنىڭ ھەممىسى مېھرىنى ئۈزەلمەي، پىدائىيلارنىڭ ھەمراھلىقىنى ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە ماختاپ، كۆپچىلىكنىڭ يەنە بىر قېتىم كېلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پىدائىيلار يەنە پىدائىيلار روھىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خاسلىققا ئىگە پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە بىلەن بىرلىكتە پىدائىيلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر پىدائىي مۇنداق دېدى: گەرچە بۇ بىر قېتىملىق ئادەتتىكى ھەمراھ بولۇش پائالىيىتى بولسىمۇ، لېكىن مەن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم، ياشانغانلارنىڭ ئىللىق تەبەسسۇمى بىزگە ئەڭ ياخشى باھا بولدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىكى ياشانغانلار ئىجتىمائىي چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىپ، «چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، چوڭلارنى سۆيۈش، چوڭلارغا ياردەم بېرىش» تەك ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىپ، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارنى سۆيۈشتەك ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا ئاكتىپ رول ئوينىدى.
ياشانغانلار جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە موھتاج، جەمئىيەتمۇ بۇ ياشانغانلارغا مەلۇم دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. تېخىمۇ كۆپ دوستلارنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمەت قوشۇنىغا قاتنىشىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
(بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سۇڭ شۈەنلىن)