ئامەتلىك لاتارىيەچى يىگىت ئادىل كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-03-10
来源:ئەلكۈيى تورى

ھەممىمىزگە مەلۇم، لاتارىيە 3D ئويۇنى پاراۋانلىق لاتارىيە ئۇيۇنلىرى ئىچىدىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ ياقتۇرشىغا ئېرىشكەن لاتارىيە ئۇيۇنى، ئۇ ئويناش ئۇسۇلى كۆپ، قىزىقارلىق، كۈندە مۇكاپات تارقىتىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغاچقا، نۇرغۇنلىغان لاتارىيەچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 3D يەككە تۈر بويىچە ھەسسىلەپ دو تىكىش لاتارىيەچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلغان.

يەكەن ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى ئادىل 3D ئۇيۇنى ھەۋەسكارى بولۇپ، يەككە تاللاپ ھەسسىلەپ دو تىكىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، بوش ۋاقىتلىرىدا دائىم 65310246 لاتارىيە بېلىتى پونكىتىغا بېرىپ، 3D نومۇرىنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىنى تەتقىق قىلىدۇ، كۆڭۈلدىكى نومۇرنى تاللاپ سېتىۋالىدۇ. كۆپ يىللىق لاتارىيە ئويناش كەچۈرمىشى بىلەن ئادىل بىر نەچچە ياخشى دوستلار بىلەن تونۇشۇپلا قالماي، يەنە ئۈزلۈكسىز خۇشاللىقلارغا ئېرىشتى. مانا، 2-ئاينىڭ 15-كۈنى يۈەنشياۋ بايرىمىدا، ئادىل« 614، 641، 461» دېگەن يەككە نومۇرغا 15 ھەسسە دو تىكىپ، 15600 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئادىل مۇكاپات ئالغاندا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ ئۈچ دو نومۇر 3D نومۇرىنىڭ تارقىلىشى ۋە قىممەت، چات ئارىلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئۇنىۋېرسال ئويلىنىش ئارقىلىق تاللانغان بولۇپ، ئاللىقاچان نەچچە كۈن «ساقلاپ» كەلگەن نۇمۇر ئىدى، ئەسلىدە پەقەت « 641» گە دو تىكمەكچى بولغان، لېكىن يەنە باشقا ئىككى دو نومۇرىدىن ۋاز كېچىشكە كۆزى قىيمىغان، بىر نەچچە قېتىم ئىككىلەنگەندىن كېيىن، ئۈچ دو نومۇرىنىڭ ھەربىرىنى 15 ھەسسە بويىچە دو تىككەن، بۇ قارارلىق دو تىكىش سوممىسى ئادىلنىڭ ئۆزىنىڭ بىر قېتىملىق « دەرىجىدىن تاشقىرى خامچوت» ىغا ئايلاندى.

ئادىل مۇنداق دېدى، ئۇ ئادەتتە لاتارىيە سېتىۋېلىپ خامچوتنى قاتتىق ئىجرا قىلىدۇ، پەقەت تاسادىپىي خامچوتتىن ئېشىپ كېتىشىگىلا رۇخسەت قىلىدۇ، لېكىن خامچوتتىن ئېشىپ كېتىشمۇ ئۆزى ئالدىن بېكىتكەن قېتىم سانى ۋە پۇل سوممىسى دائىرىسىدە بولىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: « لاتارىيە سېتىۋېلىش ئۈچۈن يەنىلا پىلان بولۇشى كېرەك، ئەقىل-ئىدراك بىلەن دو تىكىش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئۆزىگە ئىقتىسادىي جەھەتتە باش ئاغرىقى ئېلىپ كەلمەيدۇ-دېدى.

قەشقەر جاڭيەن