لاتارىيەچى: بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن بولساممۇ لېكىن ئەپسۇسلانمايمەن

ئەلكۈيى تورى
2022-03-09
来源:ئەلكۈيى تورى

10-فېۋرال، چاغاننىڭ 10-كۈنى، « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2022014-قارار مۇكاپات ئېچىلدى. كونىلاردا « چاغاننىڭ 15ۈنىمۇ بايرام» دېگەن گەپ بار، كورلىلىق لاتارىيەچى شياۋ ئەپەندى «بايرام» دا تەلەيلىك ھەم ھەيران قالارلىق نەتىجىگە ئېرىشتى.

شياۋ ئەپەندى بولسا پاراۋانلىق لاتارىيەدىكى پىشقەدەم غوللۇق لاتارىيەچى، ئۇ بولۇپمۇ «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاساسەن ھەر قارار لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالىدۇ. ئۇ شۇنچە كۆپ يىللىق نومۇر تاللاش تەجرىبىسىنى يەكۈنلەپ، تەكرار دو تىكىش ئۇسۇلى ئۆزىگە ئەڭ ماس كېلىدىغانلىقنى بايقىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوقۇم ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك نومۇرنى تاللاش كېرەك ئىكەنلىكىنى يەكۈنلىدى.

شياۋ ئەپەندى مۇنداق دېدى: « مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم 6- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئايالىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى 7- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئوغلۇم 4- ئاينىڭ 7- كۈنى تۇغۇلغان، بىزنىڭ توي خاتىرە كۈنىمىز 1- ئاينىڭ 13- كۈنى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن كۆڭۈل بۆلىدىغان سانلار، بۇ نۇمۇرلارنى دائىم تاللاپ تۇرىمەن.»-دېدى. ئۇ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقىدىغان ئىش دەپ قارايدۇ، لاتارىيە بېلىتى ئارقىلىق ئالاھىدە خاتىرىلەش ئەھمىيىتىگە ئىگە كۈنلەر خاتىرىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خۇشاللىققا ئېرىشىش پۇرسىتىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ.

2 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شياۋ ئەپەندى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن كورلا شەھىرى 65280185 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ مۇقىم تاللايدىغان نومۇرىدىن باشقا، يەنە قىزىل توپ 29، كۆك توپ 06، 07 نى تاللاپ، « 7 + 2» بىرىكمە نومۇرىنى بىرلەشتۈرۈپ دو تىكتى. شۇ كۈنى كەچتە، شياۋ ئەپەندى يان تېلېفون ئارقىلىق شۇ قاراردىكى « قوش رەڭلىك توپ» مۇكاپات نومۇرىنى تەكشۈردى، بۇ تەكرار دو تىكىش بولغاچقا، ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى، زادى قانچىلىك كىچىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى ۋە مۇكاپات سوممىسى كونكرېت قانچىلىك ئىكەنلىكىنى شياۋ ئەپەندىنىڭ كۆڭلىدە تېخى ئېنىق ئەمەس ئىدى.

2 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، شياۋ ئەپەندى بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى. بۇ لاتارىيە بېلىتىدە 2 دو 2-دەرىجىلىك مۇكاپات، 12 دو 4-دەرىجىلىك مۇكاپات چىققان بۇلۇپ، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 106670 يۈەن بولغان. شياۋ ئەپەندى خۇشال ھالدا مۇنۇلارنى بىلدۈردىگەرچە كۆك توپنى توغرا تاللىماي بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا كەتكۈزۈپ قويغان بولساممۇ، لېكىن ئەپسۇسلانمايمەن، بۇ نەتىجىنى ئىنتايىن رازى بولدۇم.»-دېدى.

(بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سۇڭ شۈەنلىن)