قەھرىتان سوغۇقتا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، ھال سوراش، كىشى قەلبىنى ئىللىتىش

ئەلكۈيى تورى
2022-02-10
来源:ئەلكۈيى تورى

چاغان پۇرىقى بارغانسېرى قويۇقلىشىپ، قەھرىتان سوغۇق بولغىنىغا كىشلەر قەلبى ئىللىدى. چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزى چاغانلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى ساتقۇچىلاردىن ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كېسەللىك سەۋەبىدىن مېيىپ بولغان، ئائىلە تۇرمۇشى نىسبەتەن قىيىن بولغان بىر قىسىم بىرىنچى سەپتىكى ساتقۇچىلاردىن ھال ھال سورىدى.


ھال سوراش پائالىيىتىدە، شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇ شىجۈن، شۇجى ليۇ تىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن مېيىپ بولۇپ قالغان، ئائىلە تۇرمۇشىدا نىسبەتەن قىيىنچىلىق بولغان ھەر بىر مال ساتقۇچىغا 600 يۈەن ھال سوراش پۇلى بەردى، ئۇلارنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئىشلىرى ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىگە، كۆپچىلىك پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا تۆھپە قوشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ھەمدە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى، سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتا يولۇققان ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرى ۋە پاراۋانلىق لاتارىيەسى كەسپى بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەرنى ئىگىلىدى، ئۇلارنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى پونكىتلىرىغا ئالاقىدار خىزمەتلىرىگە بولغان پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى ھەمدە ئۇلارنى غەيرەتكە كېلىپ، مەۋقەنى سېتىش ئىش ئورنىغا قويۇپ، پىكىر يولىنى ئېچىپ، بازار يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش پونكىتىنى ياخشى باشقۇرۇپ، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش خىزمىتىگە ئاتلىنىپ، ياخشى روھىي قىياپەت بىلەن خەلققە ئەلا مۇلازىمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.



شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزى يەنە پاراۋانلىق لاتارىيەسى پونكىتىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەر قايسى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتلىرىدىن بىخەتەرلىك ئېڭىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش تەشۋىقاتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش قاتتىق مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەشنى تەلەپ قىلدى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى پاراۋانلىق لاتارىيەسى باشتىن ـ ئاخىر «ياشانغانلارنى يۆلەش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، يېتىم ـ يېسىرلارنى قۇتقۇزۇش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش» تىن ئىبارەت تارقىتىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاجىزلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى مەسئۇلىيەت دەپ قارىدى. يېڭى بىر يىلدا، ئۈرۈمچى پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئىلگىرىكىدەكلا بۇرچىنى چىڭ ساقلاپ، كۆپچىلىك پاراۋانلىقىنى تىرىشىپ يولغا قويۇپ، ئۈرۈمچى پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئىشلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئېچىپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئىشلىرىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئالغا سىلجىتىدۇ.